سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
شىمالىي كورېيە رۇسىيەگە تېخىمۇ كۆپ «شەرتسىز ياردەم» بېرىشكە ۋەدە بەردى
كىم جوڭئۇن رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى سېرگېي شويگۇ بىلەن كۆرۈشكەندە، شىمالىي كورېيەنىڭ رۇسىيەنى ھەربىي جەھەتتە قوللايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.
شىمالىي كورېيە رۇسىيەگە تېخىمۇ كۆپ «شەرتسىز ياردەم» بېرىشكە ۋەدە بەردى
ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك شەرتنامىسىدە، ئىككى تەرەپ ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ھەربىي ياردەم قىلىشنى شەرت قىلىدۇ. / Reuters

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن رۇسىيە بىلەن تۈزۈلگەن ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك شەرتنامىسىنى «سەمىمىيلىك بىلەن» ئىجرا قىلىدىغانلىقلىرى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

شىمالىي كورېيە مەركىزىي ئاگېنتلىقى بۈگۈن (18-ئىيۇن) سەيشەنبە كۈنى (17-ئىيۇن) كىم جوڭئۇننىڭ پىيوڭياڭدا رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى سېرگېي شويگۇ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك شەرتنامىسى توغرىسىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

كىم جوڭئۇن مۇنداق دېدى:

«پىيوڭياڭ زومىگەر جاھانگىرلىك ھەرىكىتىگە قارشى رۇسىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خەلقئارا ئادالەتنى  قوغداشنى تەۋرەنمەستىن شەرتسىز قوللايدۇ.»

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن 2024-يىلى ئىيۇندا پىيوڭياڭدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، شىمالىي كورېيە  رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە بىر قانچە مىڭ ئەسكەر ئەۋەتكەن ئىدى.

بۇ كېلىشىم ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ھەربىي ياردەم قىلىشنى شەرت قىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Putin meets senior North Korean official, thanks for 'positive support'

شىمالىي كورېيە رۇسىيەگە يەنە ئەسكەر ئەۋەتىدۇ

كىم جوڭئۇن بىلەن شويگۇ «كورېيە خەلق ئارمىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كۇرسك رايونىنى ئازاد قىلىش ھەرىكىتىدە كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقلىقلىرىنىڭ مەڭگۈ خاتىرىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان پىكىر ۋە پىلانلار» نى مۇزاكىرە قىلىپ تەستىقلىدى.

شويگۇ سەيشەنبە كۈنى (17-ئىيۇن) ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ رۇسىيەگە ئۇكرائىنا بىلەن چېگرالىنىدىغان كۇرسك رايونىدىكى مېنا تازىلاش ۋە قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن  1000 نەپەر جەڭ ئىنژېنېرى ۋە 5000 ھەربىي قۇرۇلۇشچى بولۇپ، جەمئىي 6000 خادىم؛ رايوندا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئۇل-ئەسلىھەلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن 5000 ھەربىي قۇرۇلۇشچىدىن تەشكىل تاپقان ئىككى بىرىگادا ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى زىيارەت، شويگۇنىڭ ئىككى ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىككىنچى قېتىملىق پىيوڭياڭ زىيارىتى بولۇپ،  بىرىنچى قېتىملىقى 4-ئىيۇندا ئەمەلگە ئاشقان ئىدى. ئىيۇن ئېيى شەرتنامەنىڭ تۇنجى يىللىقى ھېسابلىنىدۇ.

شىمالىي كورېيە مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كىم جوڭئۇن رۇسىيە بىلەن تۈزۈلگەن شەرتنامىنىڭ مەزمۇنىنى «جەزملەشتۈرگەن» ۋە «مۇناسىۋەتلىك پىلانلارنى قوبۇل قىلغان ھەمدە زۆرۈر ھەمكارلىق پىلانىنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلغان.»

يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، جەنۇبىي  كورېيە چارشەنبە كۈنى پىيوڭياڭنىڭ 6000 قوراللىق خادىمنى رۇسىيەگە ئەۋەتىش ھەرىكىتىدىن «ئەندىشە قىلىدىغانلىقى» نى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ «ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جەنۇبىي كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى سېئۇلدا مۇنداق دېدى: «بىز شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان قانۇنسىز ھەمكارلىقلاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلماقتىمىز. بىز شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - North Korea says it will strengthen its nuclear forces both in 'quality and quantity'

ئىزدىنىڭ
نىگېرىيەنىڭ پلاتېئو ئۆلكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ھۇجۇمدا 9 كىشى قازا قىلدى
كانادادا سىناگوگ ئالدىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا بىر ساقچىنى قوشقاندا، ئىككى كىشى يارىلاندى
جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورېيەنى ئايرىپ تۇرىدىغان رايوندىكى پارتلاشتا  3 ئوفىتسېر يارىلاندى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنادا ئەشيا ئوبوروت مەركەزلىرىگە، پورتلارغا ۋە پاراخوتلارغا زەربە بەردۇق»
ترامپ: پۈتۈن ئىراننى پارتلىتىۋېتەلەيمەن
ھەلەبتىكى ھەربىي رايوندا يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا تۆت كىشى يارىلاندى
ترامپ ئۇكرائىنا، ئەنگلىيە ۋە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى