سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا «ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە ئۆلۈم» دەپ توۋلىغان رەپ گۇرۇپپىسىغا ۋىزا بەرمەسلىكى مۇمكىن
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى: «ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى، ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېررورچىلارنى قوللايدىغان چەت ئەللىكلەرگە ۋىزا بەرمەيدۇ» دېدى.
ئامېرىكا «ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە ئۆلۈم» دەپ توۋلىغان رەپ گۇرۇپپىسىغا ۋىزا بەرمەسلىكى مۇمكىن
/ AP

ئەنگلىيە پانك-رەپ گۇرۇپپىسى بوب ۋىلاننىڭ، شەنبە كۈنى گلاستونبۇرىي مۇزىكا فېستىۋالىدا ئويۇن قويۇش جەريانىدا ئاممىغا «ئەركىن، ئەركىن پەلەستىن» ۋە «ئۆلۈم، ئۆلۈم ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى (IDF) گە» دەپ شوئار توۋلاتقاندىن كېيىن، ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلىنىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ «The Daily Wire» خەۋەر تورىغا بىلدۈرۈشىچە، بوب ۋىلاننىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلىش ئىشى «ھازىردىن باشلاپلا كۈنتەرتىپكە قويۇلغان». بۇ گۇرۇپپا ۋاشىنگتون قاتارلىق 20 گە يېقىن شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا سەھنىلىرىگە چىقىشنى پىلانلىماقتا ئىدى.

ئەمەلدار: «ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى، ترامپ رەھبەرلىكىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېررورچىلارنى قوللايدىغان ھېچقانداق چەت ئەللىككە ۋىزا بەرمەيدۇ» دېدى.

فېستىۋالنى بىۋاسىتە تارقاتقان  BBC، بوب ۋىلاننىڭ ئويۇنىنى چەكلىمىسىز تارقاتقان بولسىمۇ، ئىرلاندىيەلىك ھىپ-ھوپ گۇرۇپپىسى نىكەپنىڭ نەق مەيداندا پەلەستىننى قوللايدىغان ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگەن ئويۇنىنى تارقاتمىدى.  BBC  بۇ قارارنى ئۆزىنىڭ تەھرىرلەش پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

BBC  نىڭ  باياناتچىسى بوب ۋىلاننىڭ ئويۇن قويۇش جەريانىدىكى سۆزلىرىگە «كىشىنى قاتتىق بىئارام قىلىدىغان سۆزلەر» دەپ باھا بېرىپ، بۇ ئويۇننىڭ iPlayer سۇپىسىدا قويۇلۇشىنىڭ پىلانلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گلاستونبۇرىي مۇزىكا فېستىۋالىدا سەھنىگە چىققان باش ناخشىچى بوببى «ئەركىن، ئەركىن پەلەستىن»، «ئۆلۈم، ئۆلۈم ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىگە» دەپ شوئار توۋلاپ: «شۇنداق، دەريادىن دېڭىزغىچە پەلەستىن ئەركىن بولۇشى كېرەك، ئەركىن بولىدۇ، ئاللاھ خالىسا ئەركىن بولغۇسى» دېدى.

ئويۇندىن كېيىن، «StopAntisemitism»  ناملىق بىر خۇسۇسىي ئامېرىكا تەشۋىقات گۇرۇپپىسى بوب ۋىلاننىڭ ئامېرىكادىكى كونسېرتلىرىدىن بۇرۇن ۋىزىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ گۇرۇپپا «Inertia Tour» پائالىيىتى دائىرىسىدە ئامېرىكادىكى ئون نەچچە چوڭ شەھەردە كونسېرت بېرىشنى پىلانلىماقتا.

«StopAntisemitism»  تەشكىلاتى X سۇپىسىدا ھەمبەھرىلىگەن يازمىسىدا: «بۇ يەھۇدىيلارغا قارشى شەخسنىڭ ۋىزىسى رەت قىلىنىشى ياكى بىكار قىلىنىشى كېرەك، ئۇنىڭ نەپرىتى بۇ يەردە قارشى ئېلىنمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيەلىك «pub rock»  گۇرۇپپىسى ئامىل ۋە سىنىففېرس بولسا، گلاستونبۇرىي مۇزىكا فېستىۋالىدا پەلەستىننى قوللاپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە قارشى شوئار توۋلىغان ئەنگلىيەلىك گۇرۇپپىلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئامىل ۋە سىنىففېرس گۇرۇپپىسىنىڭ باش ناخشىچىسى ئامىي تايلور ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ نىكەپ ۋە بوب ۋىلاننىڭ ئويۇنلىرىغا قاراتقان «تەلۋىلەرچە» ئىنكاسىنى تەنقىد قىلىپ، جامائەت پىكرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە تاراتقۇلار ئارىسىدا بۇ مەسىلىدە ئېغىر چۈشەنچە پەرقى مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تايلور ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پەلەستىنلىكلەر ئۈچۈن يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكى ھەققىدىكى ئىلگىرىكى قاراشلىرىنى تەكرارلىدى.

تايلور Instagram ھېسابىدا مۇنداق دەپ يازدى: «ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى بوب ۋىلان ۋە نىكەپ توغرىسىدا ھە دېسىلا سۆزلىمەكتە، ئەمما گلاستونبۇرىيدا پۈتۈن ھەپتە ئاخىرىدا مودا مۇزىكىدىن روكقىچە، پانكتىن رەپكىچە ۋە DJ لارغىچە نۇرغۇن سەنئەتكارلار سەھنىدە سۆز قىلدى، تارقىتىلغان ھەر بىر نومۇردا نۇرغۇنلىغان پەلەستىن بايراقلىرى كۆرۈندى.»

تايلور يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلار بۇ ۋەزىيەتنى بىر قانچە يەككە ۋەقە ياكى بىر قانچە ‹ناچار گۇرۇپپا›نىڭ ئىشىدەك كۆرسىتىش ئارقىلىق، جامائەتچىلىكنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ئەمەسلىكى تۇيغۇسىنى بېرىشكە ئۇرۇنماقتا. ئەمەلىيەتتە، بوب ۋە نىكەپ مۇستەسنا ئەمەس، بەلكى ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەنلىكىنى ۋە كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىمىزنىڭ بۇ سادالارنى ئاڭلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

تايلور گلاستونبۇرىيدىكى باشقا سەنئەتكارلار بىلەن بىرلىكتە ئۆز سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئەھۋالى سەۋەبىدىن ئەنگلىيە ۋە ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەتلىرىنى تەنقىدلىدى.

تايلور: «پەلەستىننى ئويلىغىنىمىزدا، ئاۋسترالىيەدىكى يەرلىك خەلقنىمۇ ئويلايمىز. بىز ئاق تەنلىكلەر، لەنەتكە ئۇچرىغان مۇستەملىكىچىلەرمىز ۋە بۇ تولىمۇ يىرگىنچلىك ئەھۋال» دېدى.

دۇبلىنلىق Inhaler گۇرۇپپىسىنىڭ باش ناخشىچىسى ۋە U2 گۇرۇپپىسىنىڭ باش ناخشىچىسى بونونىڭ ئوغلى ئېلىجا ھېۋسون بىلەن ئىرلاندىيەلىك ناخشىچى سىئارا مارى-ئالىس تومپسون قاتارلىقلار فېستىۋالدا بۇ تېمىدا سۆز قىلغان سەنئەتكارلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا كەم دېگەندە 56 مىڭ 500 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 18-مارت غەززەگە قايتىدىن ھۇجۇم قىلىپ، يانۋاردا كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى بۇزۇپ، 6175 ئادەمنى ئۆلتۈردى، 21 مىڭ 378 ئادەمنى يارىلاندۇردى.

ئۆتكەن يىلى نويابىردا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سەۋەب قىلىپ، قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغانىدى.

ئىسرائىلىيە يەنە، رايوندىكى ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى