سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
مودى مۇھىم ئىشتاتلاردىكى سايلام بېلەتلىرىنى ساناشنىڭ باشلىنىشى بىلەن مۇھىم بىر سىناققا دۇچ كەلمەكتە
ھىندىستاندىكى سايلام بېلەتلىرىنى ساناش سايلىغۇچىلار تىزىملىكىدىن بەزى ئىسىملارنىڭ چىقىرىپ تاشلانغانلىقى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار ئارىسىدا داۋام قىلماقتا. بۇ ئەھۋال غەربىي بېنگالغا ئوخشاش ھالقىلىق ئىشتاتلاردىكى رىقابەتلەرگە كۆلەڭگە چۈشۈرمەكتە.
مودى مۇھىم ئىشتاتلاردىكى سايلام بېلەتلىرىنى ساناشنىڭ باشلىنىشى بىلەن مۇھىم بىر سىناققا دۇچ كەلمەكتە
غەربىي بېنگال قانۇن چىقىرىش مەجلىسى سايلىمىدىن كېيىن، سايلام خادىملىرى 2026-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى كولكاتتادىكى نېتاجى يېپىق تەنتەربىيە سارىيىدا ئاۋازلارنى ساناۋاتىدۇ. / AFP

ھىندىستاندىكى مۇھىم ئىشتات سايلاملىرىنىڭ بېلەتلىرى دۈشەنبە كۈنى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا سانىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ دىققىتى باش مىنىستىر نارېندرا مودىنىڭ پارتىيەسى ئاچقۇچلۇق غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان غەربىي بېنگالغا مەركەزلەشتى. ئاپرېل ۋە ماي ئايلىرىدا بەش ئىشتات ۋە رايوندا سايلاملار ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مىللىي پارلامېنتتا ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان نارېندرا مودىنىڭ باراتىيا جاناتا پارتىيەسى (BJP) ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى ئىشتاتلاردا تەسىرىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلماقتا.

غەربىي بېنگالدا ھىندۇ مىللەتچىسى باراتىيا جاناتا پارتىيەسى 2011-يىلىدىن بۇيان 100 مىليون نوپۇسلۇق بۇ ئىشتاتتا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ماماتا بانېرجى باشچىلىقىدىكى «پۈتۈن ھىندىستان تىرىنامۇل قۇرۇلتىيى» (TMC) نى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئېلىپ باردى. ئۆتكەن ھەپتە ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشلار باراتىيا جاناتا پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن ھىندىستان تىرىنامۇل قۇرۇلتىيىغا قارشى ئازراق ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، ھىندىستاندا راي سىناشلارنىڭ توغرىلىقىغا نىسبەتەن گۇمانلار مەۋجۇت.

سىياسىي ئانالىزچى بىسۋانات چاكرابورتى كالكۇتتادا فىرانسىيە ئاگېنتلىقى (AFP) غا بەرگەن باياناتىدا، «پۈتۈن دۆلەت دىققىتىنى بۇ ئىشتاتنىڭ سايلام نەتىجىلىرىگە مەركەزلەشتۈرمەكتە. بۇ رىقابەت كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن» دېدى.

بۇ قېتىملىق سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە سايلىغۇچىلار تىزىملىكىدىن مىليونلارچە كىشىنىڭ ئىسىمىنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلىشىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى كۈلەڭگە چۈشۈرگەن بولۇپ، بۇ مەشغۇلات سالاھىيىتى توشمايدىغان سايلىغۇچىلارنى تىزىملىكتىن چىقىرىپ تاشلاش دەپ تەشۋىق قىلىنسىمۇ، تەنقىدچىلەر بۇنىڭ چەتكە قېقىلغۇچىلار ۋە ئاز سانلىقلارغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

غەربىي بېنگال باراتىيا جاناتا پارتىيەسى رەھبىرى سامىك باتتاچاريا غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، «بۇ بىر رەت قىلىش سايلىمى ئىدى. ئىشتات خەلقى ئۆزگىرىشنى خالايدۇ. ھاكىمىيەت بېشىدىكى تىرىنامۇل قۇرۇلتىيى يېڭىلىدۇ» دېدى. ئۆتكەن سايلاملاردا ئىشتاتتا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنىدى.

جەنۇبتىكى تامىل نادۇ ئىشتاتىدىكى سايلاملاردا، باش مىنىستىر M.K ستالىن رەھبەرلىكىدىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى «دىراۋىدا مۇننېترا كازاگام» (DMK) پارتىيەسىنىڭ قايتىدىن سايلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. تەخمىنەن 36 مىليون نوپۇسلۇق جەنۇبىي ئىشتات كېرالادا بولسا، كەسكىن رىقابەت نەتىجىسىدە قۇرۇلتاي پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاقنىڭ كوممۇنىست پارتىيەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ ئىشتات سايلاملىرى مودى ھۆكۈمىتى يۇقىرى ئىشسىزلىق ۋە ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلىدىغان سودا كېلىشىمىگە ئوخشاش بىر قاتار ئىقتىسادىي ۋە تاشقى سىياسەت مەسىلىلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئالىملار ئىتالىيەدە ئاياللار ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان يېزىنى بايقىدى
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT پىلانلانغاندەك ئىشلىمەيۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا