زېلېنسكىي: ترامپنىڭ ھازىرقى سەپ ھالىتىدە قېلىش تەكلىپى «ياخشى تەكلىپ»

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ ترامپنىڭ تەكلىپىنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پىرېزىدېنت ترامپ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىينى ئاقسارايدا كۈتۈۋالدى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي چارشەنبە (22-ئۆكتەبىر) كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت سەپنى رۇسىيە بىلەن سۆھبەتلىشىشنىڭ ئاساسى قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قوللىدى. ئەمما، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا گۇمان بىلەن قارىدى.

زېلېنسكىي ئوسلودىكى قىسقا زىيارىتى جەريانىدا مۇخبىرلارغا: «ترامپ <بىز تۇرغان يېرىمىزدە تۇرايلى ھەم سۆھبەتنى باشلايلى> دەپ تەكلىپ بەردى» دېدى.

ئۇ: «مېنىڭچە بۇ ياخشى تەكلىپ ئىدى، ئەمما پۇتىننىڭ بۇنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن، بۇنى پىرېزىدېنت ترامپقا ئېيتتىم» دېدى.

-2022يىلى باشلانغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقى يەنە بىر قېتىم توختاپ قالىدىغاندەك قىلىدۇ.

ترامپ يېقىنقى كۈنلەردە موسكۋا ۋە كىيېۋنى ھازىرقى ئالدىنقى سەپلەردە ئۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىردى.

ترامپ سەيشەنبە (21-ئۆكتەبىر) كۈنى بۇداپېشتتا پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى، چۈنكى «قۇرۇق يىغىن» ئۆتكۈزۈشنى خالىمىغايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىراق، رۇسىيە مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي ريابكوۋ چارشەنبە كۈنى پۇتىن بىلەن ترامپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچرىشىش تەييارلىقنىڭ «داۋاملىشىۋاتقانلىقى» نى ئېيتتى.