خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
دەسلەپكى بېكىتىشلەرگە قارىغاندا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 200 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزىدىن (USGS) ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، سارانگانى (Sarangani) ئۆلكىسىنىڭ سۆكسىكسارگېن (Soccsksargen) رايونىغا قاراشلىق كابلالان (Kablalan) ناھىيەسىنىڭ 26 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىدا 7.8 بال قاتتىق يەر تەۋرەش خاتىرىلەنگەن.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى USGS، يەر تەۋرەشنىڭ 55.2 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەر تەۋرەشتىن كېيىن 4.6 بالدىن 6.5 بالغىچە بولغان ئارىلىقتا 10 قېتىم قۇشۇمچە تەۋرەش (ئەگەشمە تەۋرەش) خاتىرىلەندى، رايوندا ۋە ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەردە دېڭىز تاشقىنى خەۋپىگە ئائىت جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشلار بېرىلدى.

فىلىپپىن دۆلەت رەئىسى دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى: يەر تەۋرەشتىن كېيىن فىلىپپىن يانار تاغ ۋە سېسمولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى تېرېسسۇتو باكونكول«Associated Press»  ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، دۆلەتنىڭ سۇلتان كۇدارات (Sultan Kudarat) ۋە سارانگانى ئۆلكىلىرىدە قۇرۇقلۇقتا ئورۇنلاشقان دېڭىز تاشقىنى كۆزىتىش پونكىتلىرىنىڭ 1 مېتىرلىق دولقۇنلارنىڭ كۆرۈلگەنلكىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

فىلىپپىن دۆلەت رەئىسى فېردىناند ماركوس (Ferdinand Marcos Jr)، دېڭىز تاشقىنى خەۋپى ئالدىدا ئاجىز رايونلاردىكى پۇقرالارغا دەرھال ئېگىز رايونلارغا بېرىش چاقىرىقىدا بولدى.

ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ماركوس، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ تولۇق تەييارلىقتا ساقلاۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

مالايسىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىمۇ بورنېئو (Borneo) ئارىلىدىكى ساباھ (Sabah) ئۆلكىسى ئۈچۈن دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى  ئېلان قىلدى. مەسئۇللار، يەر تەۋرەشتىن تەخمىنەن 5 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن دېڭىز تاشقىنى خەۋپىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەلق مۇداپىئە ئىشخانىسى، دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا 4 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يەر تەۋرەشتە كۆپ ساندىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ تالافەتكە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم قىلىندى، يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا يەر تەۋرەش تۈپەيلىدىن دۆلەتتىكى بەزى ئايروپىلان ئۇچۇشلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەن مىنداناۋ رايونىدىكى داۋائو (Davao) شەھىرىدە بارلىق مەكتەپلەر ئىشتىن توختىتىدى.

ياپونىيە ۋە ھىندونېزىيەمۇ دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى: «Kyodo» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئاگېنتلىقى فىلىپپىندىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن تىنچ ئوكيان قىرغاقلىرى ئۈچۈن دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى چىقارغان. ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ، ئىباراكى (Ibaraki) ئۆلكىسىدىن ئوكيناۋا (Okinawa) ئۆلكىسىگىچە سوزۇلغان رايونلارنى ئۆز قوينىغا ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

«Antara» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندونېزىيە مەسئۇللىرى، يەر تەۋرەشنىڭ دۆلەتنىڭ قىرغاق رايونلىرىدا دېڭىز تاشقىنى تۇغدۇرۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، تېزدىن دېڭىز ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى.

«تىنچ ئوكيان ئوت ھالقىسى» دەپ ئاتالغان يەر تەۋرەش ۋە يانار تاغ بەلبېغىغا جايلاشقان فىلىپپىندا چوڭ تىپتىكى يەر تەۋرەشلەر پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئەنقەرە پىروگراممىسى ئېنىق بولدى
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى