گىرىنۋىچ ۋاقتى 9 دا ئىمزالىنىدىغان كېلىشىمىگە تۈركىيە، قاتار، مىسىر ۋە ئامېرىكا كاپالەتچى بولىدۇ

ھاماس 20 نەپەر ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنى قويۇپ بېرىش بەدىلىگە 2000 غا يېقىن پەلەستىنلىك مەھبۇسنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ، كېلىشىمنىڭ بىرىنچى باسقۇچى بولىدۇ.

ترامپ ئىسىرائىلىيە بىلەن ھاماسنىڭ كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىغا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، غەززەدە پارتلاش يۈز بەردى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ غەززە ئۈچۈن تەييارلىغان پىلانىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىغا ئائىت كېلىشىم، پەيشەنبە (9-ئۆكتەبىر) كۈنى گىرىنۋىچ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9 دا ئىمزالىنىشى مۇمكىن.

رويتېرسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما نام-شەرىپىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ئىجرا قىلىنىدىكەن.

ئىسىرائىلىيەنىڭ ئېرۇسالىم پوچتىسى گېزىتى (The Jerusalem Post) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قاتار، مىسىر، ئامېرىكا ۋە تۈركىيە غەززە تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ كاپالەتچىلىرى سۈپىتىدە كېلىشىمگە ئىمزا قويغان.

ئىسرائىلىيە ۋە ھاماس تېل ئاۋىۋنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرغان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇندىن بۇيان كۈتۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا كېلىشكەنلىكلىرىنى جاكارلىدى. بۇ ئۇرۇش 67 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولدى ۋە ئوتتۇرا شەرقنى قايتىدىن شەكىللەندۈردى.

بىراق، غەززە پۇقرالار مۇداپىئە ئاگېنتلىقى ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش پىلانىدا كېلىشكەنلىكلىرىنى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، رايوندا بىر قاتار ھۇجۇملارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پۇقرالار مۇداپىئە ئاگېنتلىقى خادىملىرىدىن مۇھەممەد ئەل-مۇغاييىر: «تۈنۈگۈن (8-ئۆكتەبىر) كەچتە غەززە ئۈچۈن پىلانلانغان ئۇرۇش توختىتىش رامكىسى بويىچە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغانلىقى جاكارلانغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ غەززەنىڭ شىمالىي رايونلىرىدا بىر نەچچە پارتلاش يۈز بەردى. غەززە ھاۋادىن قاتتىق بومباردىمان قىلىندى» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۈگۈن (9-ئۆكتەبىر) ئېلان قىلغان باياناتىدا، رايوندا ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشقا داۋاملىق ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئېھتىمالى بولغان ھەربىي ھەرىكەتلەرگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتىرسنىڭ كېلىشىم تەپسىلاتلىرىنى بىلىدىغان نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتقانلىرىغا تايىنىپ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئۆزگىرىشلەر، ئىسرائىلىيە خەۋپسىزلىك كابىنېتى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ غەززە كېلىشىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يىغىنلىرىنىڭ ئىككى سائەت كېچىكتۈرۈلۈپ، گىرىنۋىچ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 02.00 گە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتقا توغرا كەلگەن.

پەيشەنبە كۈنى ئىمزالىنىدىغان بۇ كېلىشىم ھەر ئىككى تەرەپتىكى تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى بەلگىلەنگەن لىنىيەگە چېكىندۈرۈش، ئۇزۇن يىللىق قامال ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن غەززەگە جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئۈچ مۇھىم نۇقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھاماسنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ ئا ف پ (فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى) غا بەرگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ھاماس كېلىشىمنىڭ بىرىنچى باسقۇچى رامكىسىدا، 20 نەپەر ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنى 2000 غا يېقىن پەلەستىنلىك مەھبۇس بىلەن ئالماشتۇرىدىكەن.

سۆھبەتلەرنى بىلىدىغان مەزكۇر كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش باشلانغاندىن كېيىنكى 72 سائەت ئىچىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن.

ئۇ كىشى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 250 پەلەستىنلىك ۋە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن، ئارىسىدا بالىلار ۋە ئاياللار بار بولغان 1700 مەھبۇسنىڭ بەدىلىگە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە قوشۇمچە قىلدى.