خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ھىندىستان رۇسىيەدىن پۇقرالىرىنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئۈچۈن ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىشنى توختىتىشقا چاقىردى
يېڭى دېھلى پۇقرالىرىنى رۇسىيەنىڭ تەكلىپلىرىگە ئاۋاز قوشۇشتىن ساقلىنىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، موسكۋا بىلەن پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.
ھىندىستان رۇسىيەدىن پۇقرالىرىنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ئۈچۈن ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىشنى توختىتىشقا چاقىردى
/ AP

ھىندىستان پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەدىن پۇقرالىرىنى ئارمىيەگە قوبۇل قىلىشنى توختىتىشنى ۋە ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش جەريانىدا ئەسكەرلىككە ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ بايانات، ھىندىستان تاراتقۇلىرىدا بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ ھىندىستان پۇقراسىنىڭ ئۇكرائىنادا ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن رۇسىيە ئارمىيەسىگە قاتنىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى راندىر جايىسوال، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆتكەن بىر يىل داۋامىدا بۇ خىل ھەرىكەتكە مۇناسىۋەتلىك خەتەر ۋە خەۋپلەر توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، پۇقرالارنى ھۇشيار بولۇشقا چاقىرغانلىقىنى ئېيتتى.

جايىسوال پەيشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە: «بىز بۇ مەسىلىنى دېھلىدىمۇ، موسكۋادىمۇ رۇسىيە دائىرىلىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلدۇق، بۇ قىلمىشنى توختىتىشنى ۋە پۇقرالىرىمىزنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق» دېدى.

مىنىستىرلىق: «بارلىق ھىندىستان پۇقرالىرىنى رۇسىيە ئارمىيەسىگە قاتنىشىش تەكلىپلىرىدىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىمىز، چۈنكى بۇ خەۋپ-خەتەرگە تولغان بىر يولدۇر» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

نۇرغۇن ھىندىستانلىق يوقاپ كەتكەن

بۇ يىل 7-ئايدا ھىندىستان پارلامېنتىغا رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرىدا 127 نەپەر ھىندىستان پۇقراسىنىڭ بارلىقى، بۇلاردىن 98 نەپىرىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ھىندىستان ۋە رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۈزلۈكسىز ئالاقىلەر نەتىجىسىدە ئاخىرلاشتۇرۇلغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.

مىنىستىرلىق، رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرى سېپىدە قالغان 13 نەپەر ھىندىستان پۇقراسىدىن 12 نەپىرىنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن يوقاپ كەتكەن دەپ مەلۇم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ يىل 3-ئايدا ھىندىستان ھۆكۈمىتى داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا 12 نەپەر ھىندىستان پۇقراسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

رۇسىيە گەرچە ئىلگىرى ھىندىستان پۇقرالىرىنىڭ ئارمىيەگە قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان بولسىمۇ، بۇ خىل ۋەقەلەر يەنىلا يۈز بېرىپ تۇرماقتا. 2022-يىلى 2-ئايدا باشلانغان ئۇرۇشتا نۇرغۇنلىغان ھىندىستانلىق ئالدىنقى سەپلەرگە ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۇرۇشتا قازا قىلغان.

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىران ئۇرۇشى پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كامپ داۋىدتا يىغىن چاقىردى
خالۇق گۆرگۈن: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ترامپ: ئىران مەسىلىسى ھەل قىلىنسا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەيدۇ
رۇسىيە كىيېۋدىكى يەنە بىر كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلدى، قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى