ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ Fox News تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، 3 - نويابىردىكى دۆلەت مەجلىسى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى ھارپىسىدا ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتى ھەققىدە توختالدى.
ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان ھەممە نەرسىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ، تېھراننىڭ بولۇپمۇ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى كۈچىنى «يوق قىلغانلىقى» نى ئېيتتى. ئۇ ئىرانغا قاراتقان ئۇلتىماتۇملىرىغا يېڭىسىنى قوشۇپ: «ئۇلار بىلەن كېلىشىم تۈزەيمۇ ياكى ئۇلارنى يوق قىلايمۇ؟ بىردىنبىر سوئال دەل مۇشۇ» دېدى.
ھورمۇز بوغۇزىنىڭ پۈتۈنلەي ئامېرىكانىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ، بوغۇزدىن ئۆتىدىغان نېفىت مىقدارىنىڭ بۇرۇنقى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «ئۇنتۇماڭلار، ھازىر ھورمۇز بوغۇزىنى بىز كونترول قىلىۋاتىمىز. ئۇلار ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ، ھەممىنى بىز ئېلىۋاتىمىز» دېيىش بىلەن بىرگە، ئىرانغا قاراتقان دېڭىز قورشاۋىنىڭمۇ ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.




















