خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىسىرلىق مەنسەپدىشى بىلەن رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرىلەشتى
سۆھبەتتە ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش مۇساپىسى ئالدىنقى پ ئورۇندا تۇردى.
قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىسىرلىق مەنسەپدىشى بىلەن رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرىلەشتى
قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىسىرلىق مەنسەپدىشى بىلەن رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرىلەشتى

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىدىن ئىگىلەنگەن خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، قاتار باش مىنىستىرى ھەم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇراخمان ئال سانى، مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدر ئابدۇلاتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، رايوندىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سۆھبەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ۋە بۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تەرەپلەر ئالاھىدە قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش مۇساپىسىنى ۋە جىددىيچىلىكنى تۆۋەنلىتىشكە قارىتىلغان دىپلوماتىيەلىك تىرىشچانلىقلارنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئال سانى سۆھبەت جەريانىدا، تەرەپلەرنىڭ ۋاسىتچىلىق تەشەببۇسلىرىغا سەمىمىي پوزىتسىيە تۇتىشىنىڭ مۇھىملىقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتىپ، كىرىزىسنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى سۆھبەت ۋە تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

سىجىل بىر كېلىشىمنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ رايوندا قايتىدىن جىددىيچىلىك مەيدانغا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئال سانى، بۇنىڭ رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىققا زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى