خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
ئافغانىستاندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 900 دىن ئاشتى
ئافغانىستاندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 900 دىن ئاشتى، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.
ئافغانىستاندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 900 دىن ئاشتى
ئافغانىستاندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 900 دىن ئاشتى / Reuters

ب د ت كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەڭ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان بىر قىسىم يېزىلارغا يوللارنىڭ تاقىلىپ قېلىشى سەۋەبىدىن ھېلىھەم يېتىپ بارغىلى بولمايدىكەن.

قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى سەيشەنبە كۈنى ئافغانىستاننىڭ شەرقىدە يۈز بەرگەن ۋە 900 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىرى ئىچىدە ھايات قېلىش ئېھتىمالى بولغان كىشىلەرنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدەشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

يەكشەنبە كۈنى يېرىم كېچىدە پاكىستان چېگراسىغا يېقىن تاغلىق رايونلاردىكى يىراق ئولتۇراق رايونلارغا تەسىر كۆرسەتكەن 6.0 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىن كەم دېگەندە بەش قېتىم قوشۇمچە تەۋرىنىش يۈز بەردى.

كۇنار ۋىلايەتلىك ئاپەتنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئېھسانۇللاھ ئېھسان: «يەر تەۋرەش كېچىچە داۋاملاشتى. يىراق يېزىلاردا ھېلىھەم دوختۇرخانىغا يۆتكىلىشى كېرەك بولغان يارىدارلار بار» دېدى.

يېزا ئاھالىلىرىمۇ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، تىك جىلغىلارغا سېلىنغان، لاي ۋە تاشتىن ياسالغان ئاددىي ئۆيلەرنىڭ خارابىلىرىنى قوللىرى بىلەن تازىلاشقا ئۇرۇندى.

26  ياشلىق ئۇبەيدۇللاھ ستومان بىر دوستىنى ئىزدەش ئۈچۈن ۋادىر يېزىسىغا بارغاندا ۋەيرانچىلىقنىڭ دەرىجىسىدىن قاتتىق تەسىرلەندى. ستومان: «مەن ئۇنى بۇ يەردە ئىزدەۋاتىمەن، ئەمما كۆرەلمىدىم. بۇ يەردىكى شارائىتنى كۆرۈش مەن ئۈچۈن بەك تەس بولدى. پەقەت خارابىلىكلا قاپتۇ» دېدى.

بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاياتىدىن ئايرىلغانلار، يېزا ئاھالىلىرى تەرىپىدىن ئاق كېپەنگە ئورىلىپ دۇئا-تىلاۋەتلەر بىلەن دەپنە قىلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye conveys condolences to Afghanistan in wake of deadly quake

جىددىي ياردەم

ب د ت كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئەڭ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان بىر قىسىم يېزىلارغا يوللارنىڭ تاقالغانلىقى سەۋەبىدىن ھېلىھەم يېتىپ بارغىلى بولمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

يەر تەۋرەش مەركىزى ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى (USGS) نىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، جالالئابادتىن تەخمىنەن 27 كىلومېتىر (17 مىل) يىراقلىقتا ئىكەن. ئىدارە يەر تەۋرەشنىڭ يەر يۈزىدىن سەككىز كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى تېيىز بىر نۇقتىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئافغانىستان ئون يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردىن كېيىن، دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىنسانىي كرىزىس ۋە يېقىنقى يىللاردا پاكىستان ۋە ئىران دىن مەجبۇرىي قايتۇرۇلغان مىليونلىغان ئافغاننىڭ قايتىپ كېلىشىگە دۇچ كەلدى.

ئامېرىكانىڭ 2021-يىلى بۇ دۆلەتتىن چېكىنىپ چىقىشىدىن بۇيان، ئافغانىستانغا بېرىلىدىغان تاشقى ياردەملەر زور دەرىجىدە توختاپ قالدى، بۇ ئەھۋال ئاللىقاچان ئاجىز بولغان دۆلەتنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس دۈشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ئېھتىياجلارنى تېزدىن باھالاش، جىددىي ياردەم بېرىش ۋە قوشۇمچە ياردەملەرنى سەپەرۋەر قىلىشقا تەييار بولۇش ئۈچۈن دائىرىلەر بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە دەسلەپتە 5 مىليون دوللارلىق ياردەم ئېلان قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Deadly earthquake wreaks havoc in Afghanistan's Kunar province

قورقۇنچ ۋە جىددىيلىك

ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى دۈشەنبە كۈنى كۇنار، ناڭگارھار ۋە لاگمان ئۆلكىلىرىدە يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن كەم دېگەندە 900 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 3000 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئافغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىش خەۋپى يۇقىرى، پەس قەۋەتلىك لاي ئۆيلەردە ياشايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، تېيىز يەر تەۋرەشلەر تېخىمۇ كۆپ زىيانغا سەۋەب بولىدۇ.

يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يېزىلاردا ياشايدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى يېقىنقى يىللاردا ئىران ۋە پاكىستاندىن ئافغانىستانغا قايتىپ كەلگەن تۆت مىليوندىن ئارتۇق كىشىنلەردىن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

نۇرگالدىكى دېھقانچىلىق بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان ئىجازۇلھەق ياد دۈشەنبە كۈنى: «چوڭ قورقۇنچ ۋە جىددىيلىك بار. بالىلار ۋە ئاياللار ۋارقىراۋاتاتتى. ھاياتىمىزدا بۇنداق ئىشنى ھەرگىز كۆرۈپ باقمىغان» دېدى.

ئافغانىستان، بولۇپمۇ ياۋرو-ئاسىيا ۋە ھىندىستان تېكتونىك تاختىلىرىنىڭ تۇتىشىش نۇقتىسىغا يېقىن بولغان ھىندىقۇش تاغ تىزمىلىرىدا دائىم يۈز بېرىدىغان يەر تەۋرەشلەر بىلەن تەۋرىنىپ تۇرىدۇ.

غەربتىكى ھېرات ۋىلايىتى 2023-يىلى ئۆكتەبىردە 6.3 بال يەر تەۋرەش بىلەن ۋەيران بولغان، 1500 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 63 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي بۇزۇلغان ياكى ۋەيران بولغان ئىدى.

2022 - يىلى 6-ئايدا، شەرقتىكى پاكتىكا ئۆلكىسىدە 5.9 بال يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، 1000 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە ئون مىڭلىغان كىشى ئۆي-ماكانسىز قالغان ئىدى.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۆزىنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى دوختۇرخانا ئوت ئاپىتىدە 15 بوۋاق قازا قىلدى
ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى جون رەتكىلىف تۇيۇقسىزلا موسكۋاغا باردى
نېفىت بايلىقى مول لىۋىيەدە يېقىلغۇ كىرىزىسى پارتلىدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن  بوران - چاپقۇن ئاپىتىدە 40 كىشى يارىلاندى
ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىنسان كونتروللۇقىدىن چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە
فىنلاندىيە باش مىنىستىرى رۇسىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھۇجۇملىرىغا قارىتا ئاگاھلاندۇردى
ئىسرائىلىيە UNRWA نىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى مائارىپ مەركىزىنى بېسىۋالدى
شانلىئۇرفاغا قاراشلىق قاراخانتەپەدە 11 مىڭ يىللىق ھەيكەل تېپىلدى
ھىندىستاندا سوت مەھكىمىسى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتە ياغلىق ئارتىپ كىرىش تەلىپىنى رەت قىلدى
ئىران ئامېرىكنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمىغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
101 ياشلىق ئايال زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىندى
ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمى %63 ئاشتى
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ