سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
سېئۇل: شىمالىي كورېيە بۇ يىل رۇسىيەگە يەنە 3000 ئەسكەر ئەۋەتتى
موسكۋا بىلەن پيوڭياڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدىكى سۆز-چۆچەكلەرنى رەسمىي جەھەتتىن دەلىللىمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى دۆلەت ئۆتكەن يىلى كەڭ دائىرىلىك ھەربىي كېلىشىم ئىمزالىغانىدى.
سېئۇل: شىمالىي كورېيە بۇ يىل رۇسىيەگە يەنە 3000 ئەسكەر ئەۋەتتى
/ AP

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى، شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ يىل رۇسىيەگە قوشۇمچە 3000 ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكىنى ۋە موسكۋانىڭ كىيېۋغا قارشى ئۇرۇشىنى قوللاش مەقسىتىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا، زەمبىرەك ۋە ئوق-دورا توشۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

جەنۇبىي كورېيە باش ئىشتابى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: «يانۋار ۋە فېۋرال ئايلىرىدا قوشۇمچە 3000 ئەسكەرنىڭ زاپاس قىسىم سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە» دېدى.

باياناتتا، رۇسىيەگە دەسلەپتە ئەۋەتىلگەن 11 مىڭ شىمالىي كورېيە ئەسكىرىدىن 4000 نەپىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ياكى يارىلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ: «شىمالىي كورېيە، ئادەم كۈچىدىن باشقا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، زەمبىرەك ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ» دېيىلدى.

دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورېيە ھازىرغىچە رۇسىيەگە زور مىقداردا يېقىن مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا (SRBM)، تەخمىنەن 220 دانە 170 مىللىمېتىرلىق ئاپتوماتىك گاۋبىتسا ۋە 240 مىللىمېتىرلىق كۆپ سىتۋوللۇق راكېتامىيوت يەتكۈزۈپ بەرگەن.

جەنۇبىي كورېيە باش ئىشتابى: «ئۇرۇش مەيدانىدىكى ۋەزىيەتكە قاراپ بۇ سانلار ئېشىشى مۇمكىن» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

 ھۇجۇمچى ئۇچقۇلار

 رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيە، موسكۋا 2022-يىلى ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بۇيان، ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. سېئۇل شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ موسكۋاغا مىڭلىغان ئەسكەر ۋە قورال-ياراغ كونتېينېرلىرىنى ئەۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

موسكۋا بىلەن پىيوڭياڭ ئەسكەر توشۇشقا دائىر رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆتكەن يىلى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ شىمالىي كورېيە زىيارىتى جەريانىدا، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا مۇداپىئە ماددىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ دائىرىلىك ھەربىي كېلىشىم ئىمزالىغانىدى.

شىمالىي كورېيە دۆلەت تاراتقۇلىرى پەيشەنبە كۈنى كىم جوڭئۇننىڭ يېڭى جانپىدا (ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىدىغان) ۋە رازۋېدكا ئۇچقۇلىرىنىڭ سىناقلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

كورېيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (KCNA)، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك رازۋېدكا ئۇچقۇسىنىڭ «ئوخشىمىغان ئىستراتېگىيەلىك نىشانلارنى ۋە دۈشمەن قىسىملىرىنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىكى پائالىيەتلىرىنى كۆزىتەلەيدىغانلىقىنى ۋە ئىز قوغلايدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

ئاگېنتلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جانپىدا ئۇچقۇلارمۇ «ھەر خىل تاكتىكىلىق ھۇجۇم ۋەزىپىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

كىم جوڭئۇن «يېڭى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ئارقىلىق ياسالغان ئىستراتېگىيەلىك رازۋېدكا ئۇچقۇسى ۋە جانپىدا ھۇجۇمچى ئۇچقۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى» باھالىدى. KCNA نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىم جوڭئۇن يەنە «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا يۈزلەنگەن بىر پىلاننىمۇ» تەستىقلىغان.

ئىزدىنىڭ
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
خىتاي: شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇردى
مىنىستىر فىدان ت د ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
ئەردوغان: كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇنەيترا يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى
شى ترامپقا «تەيۋەن مەسىلىسى خاتا بىر تەرەپ قىلىنغان تەقدىردە <توقۇنۇش> كېلىپ چىقىدۇ» دېدى
رودرىگېز: ئامېرىكا كۇباغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە «ئىنسانىي پاجىئە» كېلىپ چىقىدۇ