پىكىر
3 مىنۇت ئوقۇش
13 دۆلەتنىڭ پالاتا رەئىسلىرى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەپ، خەلقئارانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان پەلەستىننى قوللايدىغان پارلامېنتلار گۇرۇپپىسى يىغىنىغا قاتناشقان 13 دۆلەتنىڭ پالاتا رەئىسلىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان تەخمىنەن 18 ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
13 دۆلەتنىڭ پالاتا رەئىسلىرى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەپ، خەلقئارانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
Indonesian Parliament Speaker Puan Maharani underlined that what Palestine needs most is justice, and pointed out that parliaments must be part of the solution within the scope of their authority. / AA
2025-يىلى4-ئاينىڭ19-كۈنى

پالاتا رەئىسلىرى، تېل ئاۋىۋنىڭ بۇ ھۇجۇملىرىنى توختىتىش ئۈچۈن يەرشارى تەشكىلاتلىرىنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى ھەمدە پەلەستىنگە بولغان قوللىشىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

مالايشىيا پالاتا رەئىسى تان سىرى داتو جوھارى بىن ئابدۇل، دۆلىتىنىڭ پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، پەلەستىننىڭ مالايشىيا ئۈچۈن پەقەت تاشقى سىياسەت مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىنسانىيەت، ۋىجدان ۋە ئاڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پاكىستان پالاتا رەئىسى سەردار ئاياز سادىق، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ سىياسىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى ۋىجدان سىناقى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئادىللىق، ھۈررىيەت ۋە ئىززەت-ھۆرمەت تۇيغۇسىنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىنسانىي ياردەم كارۋانلىرىنى چەكلەپ، رايوننى قەستەن بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ۋە ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرىنى ئۆلتۈرۇشىنى ئەيىبلىدى.

ھىندونېزىيە پالاتا رەئىسى پۇئان ماخارانى، پەلەستىننىڭ ئەڭ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان نەرسىسىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، پارلامېنتلارنىڭ ئۆز ھوقۇقى دائىرىسىدە ھەل قىلىش يولىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سۈكۈت قىلىش ھوقۇقىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ پەقەت سايلىغۇچىلار ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ئادىللىق، ئىنسانىيەت ۋە تىنچلىق قىممەتلىرى ئالدىدىمۇ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېيتتى.

ئىسپانىيە پالاتا رەئىسى ئارمېنگول سوسىئاس سىنلىق ئۇچۇرىدا، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتاپ: «ئىككى ئايلىق ئۇرۇش توختىتىش جەريانىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى بۇزدى ۋە غەززە خەلقىنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇردى، تېخىمۇ كۆپ بالىلارنى ئۆلتۈردى، سەھىيە مەركەزلىرىنى ۋەيران قىلدى ۋە ياردەم خىزمەتچىلىرىنىنىڭ جىددىي ياردەم ماشىنىلىرىنى پارتلاتتى. بۇ قىرغىنچىلىق چىدىغۇسىز دەرىجىگە يەتتى.» دېدى.

سوسىئاس، «جازاسىزلىق» مەدەنىيىتىنىڭ يەرشارى بويىچە تارقىلىشىنى توختىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ئىسپانىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ۋە 1967 -يىللىق چېگرالىرىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىسپانىيەنىڭ تولۇق قوللىشىغا تايىنىدىغانلىقىنى، بۇ ئادالەتسىز ۋەزىيەتنىڭ ۋە ئىنسان ھوقۇقلىرى ھەمدە خەلقئارا ھوقۇققا قارشى ئوچۇق ھۇجۇملارنىڭ دەرھال توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئەزەربەيجان پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەلى ئەھمەدوۋ، 30 يىللىق ئىشغال ۋە ئېتنىك تازىلاشنى باشتىن كەچۈرگەن بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە، ئەزەربەيجاننىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى ئايرىمىچىلىق، ئىنسان ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش، ئېتنىك تازىلاش، ئىشغال ۋە گۇناھسىز كىشىلەرگە قارشى زوراۋانلىقنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەھمەدوۋ، غەززەدىكى ئىنسانىي كىرىزىس ۋە مىڭلىغان گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ رايوندىكى يېمەك-ئىچمەك، سۇ ۋە سەھىيە مۇلازىمەتلىرىنىڭ كەمچىللىكىنىڭ خەلقنى ئاچلىققا مەھكۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، غەززەگە ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈلمەسلىكنىڭ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ تەكشى ۋە تولۇق ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئەھمەدوۋ، ئەزەربەيجاننىڭ پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقىنى، باكۇدىكى پەلەستىن ئەلچىخانىسىنىڭ 14 يىلدىن بۇيان پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسلەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە ئىززەت-ھۆرمەت ۋە بىخەتەرلىك ئىچىدە ياشىشى، رايوننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە.»

ئۇ يەنە، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارارلىرى ئاساسىدا ھەل قىلىنىشىنىڭ، شەرقىي قۇددۇس پەلەستىننىڭ پايتەختى بولغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل يولى بىلەن ئارقىلىقلا مۇمكىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئەزەربەيجاننىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە غەززە خەلقى بىلەن ھەمدەم ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئىپادىلەيدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
شەرىف ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن رىياد، دوھا ۋە ئەنقەرە زىيارىتىنى باشلايدۇ
ماكرون ترامپ بىلەن پەزەشكىياننى تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشقا چاقىردى
25 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتتى؛ ئامېرىكانىڭ قامالىغا قارىماي دېڭىز قاتنىشى داۋاملاشماقتا
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى
«WSJ»: سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكاغا «ھورمۇز قورشاۋىنى بىكار قىل» دەپ بېسىم ئىشلەتمەكتە
مېلونى: ئىتالىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە كېلىشىمىنى توڭلىتىپ قويدى
خىتاي ۋە ئىسپانىيە «پارچىلىنىۋاتقان» دۇنيا تەرتىپىدە بىرلىككە كېلىش سىگنالى بەردى
ئامېرىكا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن خىتاي ماي توشۇش پاراخوتى ھورمۇز بوغۇزى قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتتى
ئىران بەش ئەرەب دۆلىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
باش مىنىستىر مېرز نېتانياھۇنى غەربىي قىرغاقىنى «قىسمەن بېسىۋېلىش» مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران يادرو قۇيۇلدۇرۇشنى 5 يىل توڭلىتىشنى تەكلىپ قىلدى، ئامېرىكا 20 يىلدا چىڭ تۇردى
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنى يېڭى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىشنىڭ كۇيىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز