غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
سۈت پاراشوكى قىسلىقى سەۋەبىدىن غەززەدە 100 مىڭ بوۋاق ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە
ئىسرائىلىيە قورشاۋى سەۋەبىدىن قىيىن ئەھۋالدا قالغان كىچىك بالىلاردىن 40 مىڭىنىڭ 1 ياشتىن تۆۋەن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
سۈت پاراشوكى قىسلىقى سەۋەبىدىن غەززەدە 100 مىڭ بوۋاق ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە
سۈت پاراشوكى قىسلىقى سەۋەبىدىن غەززەدە 100 مىڭ بوۋاق ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە / AA

غەززە ھۆكۈمەت تاراتقۇ ئىشخانىسى غەززەدە 40 مىڭى بىر ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك بالىنىڭ بوۋاقلارغا ئىشلىتىلىدىغان سۈت پاراشوكى ۋە ئوزۇقلۇق تولۇقلىمىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي تۈگىشى سەۋەبىدىن ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىشخانا بۇ ئەھۋالنى «ئاستا ئىلگىرىلەۋاتقان بىر قىرغىنچىلىق» دەپ تەسۋىرلىدى ۋە ئىسرائىلىيەنى چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقاش ۋە قورشاۋنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق غەززەنىڭ ئەڭ ياش ئاھالىسىنى قەستەن ئاچ قويۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئىشخانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئانىلار سۈت پاراشوكى تاپالمىغانلىقتىن بوۋاقلىرىنى كۈنلەپ پەقەت سۇ بىلەنلا بېقىشقا مەجبۇر بولماقتا. بۇ جەرياندا دوختۇرخانىلار ۋە ساقلىقنى ساقلاش مەركەزلىرى ئېغىر ۋە ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك دېلولىرىنىڭ كۈنسىرى كۆپىيىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولماقتا.

غەززەدىكى سەھىيە دائىرىلىرى، داۋالاش سىستېمىسىنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك يىمىرىلىشى ۋە ئاساسلىق يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ئىنتايىن قىس بولۇشى سەۋەبىدىن ھازىرغىچە 83 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ، ئاچارچىلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن جەمئىي 122 ئۆلۈم دېلوسىنى دوكلات قىلدى.

بۇ كرىزىسنى «ئىنسانىيەت ۋە دۇنياۋى ۋىجدان نامىدا بېرىلگەن ئىنتايىن كۈچلۈك بىر ئاگاھلاندۇرۇش» دەپ ئاتىغان تاراتقۇ ئىشخانىسى، بوۋاقلار ئۈچۈن سۈت پاراشوكى ۋە ئوزۇقلۇق تولۇقلىمىلىرىنىڭ دەرھال كىرگۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىنىشى، بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ شەرتسىز ئېچىلىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ «جىنايى قورشاۋى» نىڭ بىكار قىلىنىشى ۋە بالىلارغا قارىتىلغان «قەستەن يوقىتىش ھەرىكىتى» نى توختىتىش ئۈچۈن جىددىي خەلقئارالىق ئارىلىشىشقا چاقىردى.

ئىشخانا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارالىق ئىتتىپاقداشلىرىنى «ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بىر جىنايەتنىڭ تولۇق جاۋابكارى» دەپ جاكارلاپ، داۋاملىشىۋاتقان دۇنياۋىي سۈكۈتنىڭ «غەززە بالىلىرىغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئوچۇق-ئاشكارا شېرىك بولغانلىق» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

خەلقئارانىڭ ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلغان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە قاراتقان رەھىمسىز ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولغان 59 مىڭ 700 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى. ئۈزلۈكسىز بومباردىمان رايوننى ۋەيران قىلىپ، يېمەكلىك قىسىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئۆتكەن يىلى نويابىردا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە يەنە رايونغا قاراتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوتىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىغا دۇچ كەلمەكتە.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى