تۈرك دۇنياسى
3 مىنۇت ئوقۇش
تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇنەۋۋەرلىرى (02)
يەسىۋىنىڭ نۇرى: ئارسلان بابا
تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇنەۋۋەرلىرى (02)
ۋۇنبىن، ىغىيىش، بىر، ئۈچ ۋە تۆت، بەش.
2025-يىلى1-ئاينىڭ7-كۈنى

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «تۈرك دۇنياسىنىڭ مۇنەۋۋەرلىرى» ناملىق پروگراممىمىزنىڭ  بۈگۈنكى بۆلۈمىدە «يەسىۋىنىڭ نۇرى: ئارسلان بابا» ھەققىدە توختىلىمىز.

قېنى ئۇنداقتا، خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى دوكتور جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ بۇ ھەقتىكى ئانىلىزىغا قۇلاڭ سالغايسىلەر!

*** *** ***** *** *****

تۈرك-ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەخسلىرىدىن بىرى  بولغان خوجا ئەھمەد يەسەۋى ، تۈرك دۇنياسىدا ئىسلامنىڭ تارقىلىشى ۋە تەسەۋۋۇپنىڭ چوڭقۇرلىشىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. ئەمما يەسەۋىنىڭ بۇ مەنىۋى سەپىرى ئۇستازى ئارسلان بابانىڭ يېتەكچىلىكىدە شەكىللەنگەن. ئارسلان بابا خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ ھاياتىدا ۋە تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىسىدە چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان بىر مۇرشىددۇر. ئۇنىڭ مەنىۋى يېتەكچىلىكى يەسەۋىنىڭ ئىسلامنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى تۈرك خەلقىگە يەتكۈزۈشىدە كۆۋرۈكلۇك رول ئوينىغان.

ئارسلان بابانىڭ ھاياتى ۋە كىملىكى ھەققىدە كونكېرت مەلۇماتلار ئىنتايىن ئاز. تارىخىي مەنبەلەردە، ئارسلان بابانىڭ 9- ياكى 10-ئەسىردە ياشىغانلىقى ۋە خوراسان رايونىدا تەسەۋۋۇپ تەلىماتلىرىنى تارقاتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئىسلام دۇنياسىدىكى نۇرغۇن تەسەۋۋۇپ ئۇلۇغلىرىغا ئوخشاش، ئۇنىڭمۇ ئىلىم-ئىرپان يولىدا ھايات كەچۈرگەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ. ئارسلان بابا مەنىۋى چوڭقۇرلۇقى ۋە ھېكمىتى بىلەن تونۇلغان بىر سوپى بولۇپ، ئەھمەد يەسەۋىدەك چوڭ بىر زاتنىڭ يېتىشىشىگە تۈرتكە بولغان مۇھىم شەخستۇر.

تەسەۋۋۇپ مەنبەلىرىدە، ئارسلان بابا بىلەن خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ ئۇچرىشىشى ھەققىدە نۇرغۇن رىۋايەتلەر بايان قىلىنىدۇ. بۇ رىۋايەتلەرنىڭ ئەڭ مەشھۇرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارسلان باباغا بىر ئامانەت تاپشۇرغانلىقى ۋە بۇ ئامانەتنى ئەھمەد يەسەۋىگە يەتكۈزۈشنى ۋەسىيەت قىلغان ھېكايىسىدۇر. ئارسلان بابا بۇ ئامانەت بىلەن تۈركىستانغا بېرىپ ياش ئەھمەد يەسەۋىنى تاپقان. رىۋايەتكە كۆرە، ئامانەت بىر خورما بولۇپ، بۇ خورما ئەھمەد يەسەۋىگە تاپشۇرۇلغان. بۇ ۋەقە ئەھمەد يەسەۋىنىڭ مەنىۋى سەپىرىنىڭ باشلىنىشى دەپ قارىلىدۇ.

بۇ رىۋايەت تەسەۋۋۇپ دۇنياسىدا مەجازىي مەنىگە ئىگە. خورما ئىلىم ۋە ھېكمەتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە باھالىنىدۇ. ئارسلان بابانىڭ ئەھمەد يەسەۋىگە خورمىنى يەتكۈزۈشى، ئۇنىڭ ھېكمەت يولىدا بىر مۇرشىد سۈپىتىدە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ھېكايە يەنە ئەھمەد يەسەۋىنىڭ مەنىۋى يېتۈكلۈكى ۋە ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا نائىل بولغانلىقىنى سىمۋوللاشتۇرىدۇ.

ئارسلان بابانىڭ تەلىماتلىرى ئىسلامنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ تەسەۋۋۇپ تەلىماتلىرىدا ئىنساننىڭ ئۆز نەپسىنى تونۇشىنى، ئاللاھقا يېقىنلىشىشىنى ۋە جەمئىيەتكە خىزمەت قىلىشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ تەلىماتلار خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ ھېكمەت چۈشەنچىسىگە ۋە «يەسەۋىلىك» دەپ تونۇلغان تەسەۋۋۇپ يولىنىڭ ئاساسلىرىغا ئىلھام بولغان. ئارسلان بابا ئىنساننى پۈتۈن گەۋە سۈپىتىدە ئانالىز قىلغان بىر سوپىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەت تەڭپۇڭلۇقىنى ئورنىتىشى، مەنىۋى پىشىپ يېتىلىشىنىڭ بىر شەرتىدۇر. دۇنيا مېلىغا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كېتىشنى تەنقىد قىلغان ئارسلان بابا، ئىنساننىڭ قەلبىنى ئاللاھقا باغلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

ئارسلان بابانىڭ ئەھمەد يەسەۋىگە بولغان تەسىرى، تەسەۋۋۇپ چۈشەنچىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۆزىنى نامايان قىلغان. خوجا ئەھمەد يەسەۋى، ئۇستازى ئارسلان بابادىن ئۆگەنگەن ھېكمەتلىك سۆزلەر ۋە تەسەۋۋۇپ تەلىماتلىرىنى، تۈركچە شېئىرلار ۋە ھېكمەتلەر ئارقىلىق خەلقىگە يەتكۈزگەن. بۇ ئارقىلىق، ئىسلامنىڭ ئەخلاقىي ۋە مەنىۋى قىممەتلىرىنى ئاددىي تىل بىلەن چۈشەندۈرگەن ۋە ئۇدۇل خەلقنىڭ قەلبىگە ىىتاب قىلغان. ئارسلان بابانىڭ يېتەكچىلىكى، يەسەۋىنىڭ ھېكمەت ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈرۈشىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان.

ئارسلان بابانىڭ تەسەۋۋۇپ تارىخىدىكى ئەھمىيىتى، ئىسلامنىڭ تۈرك جەمئىيەتلىرى ئارىسىدا چوڭقۇرلىشىشىغا قوشقان تۆھپىسىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇ ئىسلامنىڭ ئەخلاقىي ۋە مەنىۋى قىممەتلىرىنى تۈرك دۇنياسىغا ماس ھالدا چۈشەندۈرگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلامنى بىر تۇرمۇش شەكلى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشىغا ياردەچى بولغان.

**** ** **** ** ** *****

ئارسلان بابا، خوجا ئەھمەد يەسەۋىنىڭ مەنىۋى يېتەكچىسى ۋە تەسەۋۋۇپ يول كۆرسەتكۈچىسى سۈپىتىدە تۈرك-ئىسلام مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان بىر سوپىدۇر. ئۇنىڭ ئەھمەد يەسەۋىگە كۆرسەتكەن تەسىرى، يەسەۋىنىڭ ئىسلامنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا يەتكۈزۈشىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. ئارسلان بابانىڭ تەلىماتلىرى، يالغۇز ئەھمەد يەسەۋىنىڭ شەخسىيىتىدىلا ئەمەس، شۇنداقلا تۈرك-ئىسلام دۇنياسىنىڭ تەسەۋۋۇپ ئەنئەنىسىدىمۇ چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان. بۈگۈن ئارسلان بابانىڭ ھېكمىتى، ئەھمەد يەسەۋىنىڭ ئەسەرلىرىدە ۋە يەسەۋىلىك يولىنىڭ تەلىماتلىرىدا ياشناشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇ بىر مۇرشىد سۈپىتىدە يالغۇز ئۆز دەۋرىگىلا ئەمەس، كېيىنكى ئەۋلادلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن. ئارسلان بابانىڭ ئىلىم ۋە ئىرپانغا تولغان ھاياتى ھەم تەسەۋۋۇپ دۇنياسىدا، ھەم تۈرك مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم مىراس سۈپىتىدە قەدىرلىنىدۇ.

***** ** **** ** ***** *****

قەدىرلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى دوكتور جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ ئانالىزىنى ئاڭلىدىڭلار. كېلەر ھەپتە يەنە باشقا يېڭى مۇنەۋۋەرلىرىمىز بىلەن تونۇشقىچە ئامان بولغايسىلەر.  خەيرلىك خوش.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە 2026-يىلى پاكىستاندىكى بەش نېفىتلىكتە چارلاش خىزمەتلىرىنى باشلايدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى 2027-يىلىغىچە رۇسىيە گازىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلدى
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلغان گولان تۆپىلىكلىرىدىن چېكىنىشىنى تەلەپ قىلدى
ماتتارېللا: «ياۋروپا ئورتاق مۇداپىئەسىنى قۇرۇپ چىقالمىسا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ»
ترامپنىڭ ئېغىر-بېسىقلىق چاقىرىقىغا قارىماي، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا يېڭى ھۇجۇم ئېلىپ باردى
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى