سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
پۇتىن: رۇسىيە قول ئىلكىدىكى ھەر خىل قورال - ياراغلارنى ئىشلىتىدۇ
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنا غەربتىن يادرو قوراللىرى سېتىۋالغان تەقدىردە، رۇسىيەنىڭ بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن قول ئىلكىدىكى ھەر خىل قورال - ياراغلارنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
00:00
پۇتىن: رۇسىيە قول ئىلكىدىكى ھەر خىل قورال - ياراغلارنى ئىشلىتىدۇ
پۇتىن: رۇسىيە قول ئىلكىدىكى ھەر خىل قورال - ياراغلارنى ئىشلىتىدۇ / Reuters

پۇتىن ئۇكرائىنادا يادرو قوراللىرىنىڭ «ئوتتۇرىغا چىقىشىنى» توسۇشقا ۋەدە بەردى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن پەيشەنبە كۈنى قاتتىق ئۇسلۇبتا ئېلان قىلغان  باياناتىدا،  غەرب ئەللىرى ئۇكرائىناغا يادرو قوراللىرى يۆتكىگەن ئەھۋال ئاستىدا، رۇسىيەنىڭ بۇنىڭغا قول ئىلكىدىكى بارلىق قورال – ياراغلىرىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پۇتىن قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئۇكرائىنادا يادرو قوراللىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى توسۇش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئەگەر ئۇكرائىنا غەربتىن يادرو قوراللىرى سېتىۋالسا، رۇسىيەنىڭ قول ئىلكىدىدىكى بارلىق كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قورال – ياراغلارنىڭ ھەممىسىنى – ئىشلىتىمىز، چۈنكى بىز ئۇكرائىنانىڭ بۇ پىلانىغا ھەرگىز يول قويمايمىز.»

ئۇ، كىيېۋ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولغان تەقدىردە، رۇسىيەنىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتىن قىلچە ئايانمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ بايانات، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان، ھەمدە  بەزى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دائىرىلىرىنىڭ ئۇكرائىنانى يادرو قوراللىرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن خەۋەرلىرىدىن كېيىن كەلدى.

بۇ ئۆزگىرىش، رايوندىكى جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشى توغرىسىدا ئەندىشىلەرنى كۈچەيتمەكتە ۋە شەرقىي ياۋروپادا يادرو قوراللىرى بىلەن قوراللىنىشنىڭ ئاقىۋەتلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا خەۋپلىك بىر بىخەتەرلىك مەنزىرىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ