تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
فىدان: ئىستانبۇلدىكى سۆھبەت رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقىنى «يېڭى پەللىگە» كۆتۈردى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئۇكرائىنا زىيارىتى جەريانىدا، «ئىستانبۇلدا ھاسىل قىلىنغان ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ تېزلىكتە تاماملىنىشى، سۆھبەتلەرنىڭ كونكرېت نەتىجىلەرنى بېرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى» دېدى.
فىدان: ئىستانبۇلدىكى سۆھبەت رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقىنى «يېڭى پەللىگە» كۆتۈردى
/ AA

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، 16-ماي ئىستانبۇلدا موسكۋا بىلەن كىيېۋ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسى ئىزدىنىشىگە «يېڭى بىر پەللە» ئاتا قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

فىداننىڭ بۇ سۆزلىرى جۈمە كۈنى ئۇكرائىناغا قىلغان زىيارىتى جەريانىدا، ئۇكرائىنالىق مەنسەپدىشى ئاندرىي سىبىھا بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«ئىستانبۇلدا ھاسىل قىلىنغان ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ تېزلىكتە تاماملىنىشى، سۆھبەتلەرنىڭ كونكرېت نەتىجىلەرنى بېرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى» دېگەن فىدان، ئىستانبۇلدا قولغا كەلگەن ياخشى ۋەزىيەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.

«يا بۇ ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا كۆز يۇمىمىز، ياكى بۇ يىل ئىچىدە مەڭگۈلۈك بىر تىنچلىققا ئېرىشىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

«ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە، ھۆرمەتلىك ترامپنىڭ، ھۆرمەتلىك پۇتىننىڭ ۋە ھۆرمەتلىك زېلېنىسكىينىڭ، يەنى بۇ تۆت رەھبەرنىڭ بىر يەرگە كېلىشى بىلەن، ئىستانبۇلدا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئاخىرلىشىشى مۇمكىن دەپ قارايمىز» دەپ كۆرسەتتى.

تۈركىيەنىڭ دائىمىي تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى [سېرگېي لاۋروۋ]، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بىلەن تۈركىيەدە، يەنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن بولغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبەتلىرى توغرىسىدا تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

لاۋروۋ، ئىلگىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك سۆھبەتنى 2-ئىيۇن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانمۇ سۆھبەتلەرنىڭ ئىستانبۇلدا قايتا باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «بىز ھەم رۇسىيە، ھەم ئۇكرائىنا بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز. قولغا كەلتۈرگەن بۇ ياخشى ۋەزىيەتنى [ياكى پۇرسەتنى] مەڭگۈلۈك تىنچلىق پۇرسىتى دەپ قارايمىز» دېدى.

ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ بۇ تەكلىپىگە تېخىچە جاۋاب بەرمىدى.

16-ماي رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئىستانبۇلدا ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى بىۋاسىتە سۆھبىتىنى ئۆتكۈزدى، ھەمدە بۇ سۆھبەتلەردە ئىككى تەرەپتىن جەمئىي 1000 دىن ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ كۆلەملىك بىر ئەسىر ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدىكى سۆھبەتلەر جەريانىدا، ھەر ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا كېلىشتى.

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى