پۇتىننىڭ ھىندىستان زىيارىتىدە، مۇداپىئە، ئېنېرگىيە ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەر ئالدىنقى پىلانغا چىقىدۇ.
رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ 2021-يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ھىندىستان زىيارىتى، ھىندىستاننىڭ موسكۋا بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش تىرىشچانلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، سۆھبەتلەردە مۇداپىئە، يادرو ھەمكارلىقى، سودا ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى (BRICS) مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ بۇ ھەپتە ئەمەلگە ئاشىدىغان ھىندىستان زىيارىتى، مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقان يېڭى دېھلى ئۈچۈن ئېيتقاندا، يەر شارى تەڭپۇڭلۇقى ئۆزگىرىۋاتقان ۋە غەربنىڭ بېسىمى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلدە دىپلوماتىيە جەھەتتىن ھەل قىلغۇچ پەيت ھېسابلىنىدۇ.
پۇتىن 2021-يىلىدىن ۋە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى ھىندىستان زىيارىتىدە، 23-نۆۋەتلىك ھىندىستان-رۇسىيە يىللىق باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن پەيشەنبە (4-دېكابىر) كۈنى ھىندىستانغا يېتىپ بارىدۇ. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىككى كۈنلۈك بۇ زىيارەت، ھىندىستاننىڭ موسكۋا بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رەھبەرلىكىدىكى ۋاشىنگتوندىن كېلىۋاتقان كۈچلۈك تەلەپلەرگە قارشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنى سىنايدۇ.
تەرەپلەرنىڭ مۇداپىئە، ئېنېرگىيە، يادرو ھەمكارلىقى، چىقىم قىلىش مېخانىزمى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «مۇھىم كۈنتەرتىپ» ئۈستىدە سۆھبەتلىشىشى كۈتۈلمەكتە.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇداپىئە ئانالىزچىسى پراۋىن ساۋنىي (Pravin Sawhney): «بۇ زىيارەت ھىندىستان ئۈچۈن 2025-يىلدىكى ئەڭ مۇھىم زىيارەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ، ئەنئەنە بويىچە ھىندىستاننىڭ دوستى بولغان بىر دۆلەتنىڭ كەڭ كۆلەملىك زىيارىتى؛ دۇنيا ئىنتايىن مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، زىيارەت ۋاقتىمۇ ناھايىتى دەل ۋاقتىدا تاللانغان» دېدى.
سىياسىي ئانالىزچى پراۋىن دونتھى (Praveen Donthi) بولسا، بۇ زىيارەتنىڭ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ «پىرېزىدېنت ترامپ يولغا قويغان جازا خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى ھىندىستانغا كۈچلۈك بېسىم شەكىللەندۈرۈۋاتقان بىر مۇھىتتا ئالاھىدە مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا جەزملەشتۈرۈش» كە پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ستىمسون مەركىزىي جەنۇبىي ئاسىيا پىروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئاكرىتى ۋاسۇدېۋا كالكانكار، بۇ زىيارەتنىڭ ھىندىستاننىڭ موسكۋا سىياسىتىدە تېخىمۇ مۇقىم بىر دەۋرگە ئىشارەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پۇتىننىڭ تۆت يىلدىن كېيىن ھىندىستانغا قىلغان تۇنجى زىيارىتى، ھىندىستان تاشقى سىياسىتىدىكى رۇسىيە مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇنازىرەلەرنىڭ زور دەرىجىدە ئاخىرلاشقانلىقىنى؛ موسكۋانىڭ يېڭى بىر ئىقتىسادىي شېرىك ۋە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشتە تېخىمۇ قىزغىن، پايدىلىق مۇداپىئە ھەمراھى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»
مۇداپىئە ۋە ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىملەر
رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىدا، مۇداپىئە مەسىلىلىرىنىڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇشى كۈتۈلمەكتە؛ ھىندىستان «S-400»
كۆچمە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى قاتارلىق سىستېمىلارنى تەمىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ۋە سۇخوي «Su-57» تىپلىق جەڭ ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىش ئېھتىماللىقىنى مۇزاكىرە قىلىشنى نىشان قىلماقتا.
ساۋنىينىڭ قارىشىچە، مۇداپىئە ھازىر ھىندىستان ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە. چۈنكى ماي ئېيى (2025) دىكى پاكىستان بىلەن يۈز بەرگەن قىسقا مۇددەتلىك قوراللىق توقۇنۇشتىن «نۇرغۇن ساۋاقلار ئېلىنغان.»
موسكۋانىڭ بەشىنچى ئەۋلاد ئايروپىلانلار، ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرى، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە قوشۇمچە شېرىكچىلىك تۈرلىرىنى تەكلىپ قىلغانلىقى ئېيتىلماقتا.
باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا، موسكۋا «ئۆزئارا ئارقا سەپ ئۆزگىرىش كېلىشىمى(RELOS) » نى تەستىقلىدى؛ ئۇچرىشىشتا بۇ كېلىشىممۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. كېلىشىمگە ئاساسەن ئىككى دۆلەت يېقىلغۇ قاچىلاش، رېمونت ۋە ئاسىراش، تەمىنلەش ئۈچۈن بىر-بىرىنىڭ ھەربىي بازىلىرىغا كىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.
تەھلىلچىلەر بۇنىڭ رۇسىيەنىڭ ھىندى ئوكيانغا بولغان دىققىتىنىڭ ئېشىپ بارغانلىقىنى ۋە يېڭى دېھلىغا موسكۋانىڭ ئانتاراكتىكا ۋە شىمالىي مۇز ئوكيان يولىدىكى پائالىيەتلىرىدە تايانچ بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئېنېرگىيە، يادرو ھەمكارلىقى ۋە سودا
ھىندىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئېنېرگىيە مۇناسىۋەتلىرىمۇ يىغىننىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالىدۇ؛ يېڭى دېھلى ترامپنىڭ رۇس نېفىتى سېتىۋېلىشنى توختىتىش ھەققىدىكى كۈچىيىۋاتقان بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە.
بۇ زىيارەتنىڭ ترامپنىڭ ئۆكتەبىر (2025) ئېيىدا باش مىنىستىر نارېندرا مودىنىڭ ئۆزىگە ھىندىستاننىڭ «قىسقا ۋاقىت ئىچىدە» رۇس نېفىتى سېتىۋېلىشنى توختىتىشقا «ۋەدە بەرگەنلىكى» نى ئېيتقاندىن كېيىن ئەمەلگە ئېشىشى دىققەت قوزغىدى؛ يېڭى دېھلى پىرېزىدېنت ترامپنىڭ باياننى دەلىللىمىدى.
ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى كېيىنچە سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نېفىت ئىمپورت قارارلىرىنىڭ «تولۇق ئۆزگىرىشچان ئېنېرگىيە مۇھىتىدا ھىندىستانلىق ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئېھتىياجى» تەرىپىدىن بەلگىلەنگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
رۇسىيە ھازىر ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت تەمىنلىگۈچىسى ھېسابلىنىدۇ؛ ئەمما، ئامېرىكانىڭ رۇس شىركەتلىرىگە قاراتقان جازالىرىدىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ نېفىت ئىمپورت مىقدارى ئازايدى.
خەلقئارا كىرىزىس گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئولېگ ئىگناتوۋ (Oleg Ignatov)، ھىندىستاننىڭ رۇس خام نېفىتىنىڭ ئورنىنى باشقىلار بىلەن ئاسانلىقچە تولدۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھىندىستان ھەم ئىچكى ئىستېمال ھەم ئېكسپورت ئۈچۈن باھاسى ئەرزان رۇس نېفىتىگە تايىنىدۇ. بۇ كۆلەمدە باشقا بىر تاللاشنى تاپالمايدۇ» دېدى.
يادرو ھەمكارلىقىمۇ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسى بولۇپ قالىدۇ. رۇسىيە جەنۇبتىكى تامىل نادۇ ئىشىتاتىدا كۇدانكۇلام يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ بىر قانچە رېئاكتورىنى ياساۋاتىدۇ.
ساۋنىي: «رۇسىيە ھىندىستاندا نۇرغۇنلىغان خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يادرو خىزمەتلىرىنى قىلىۋاتىدۇ. ئەمدى بىز كىچىك رېئاكتورلارنىڭ كېيىنكى باسقۇچىغا ئۆتۈۋاتىمىز» دېدى.
سودىمۇ ئاساسلىق دىققەت نۇقتىلىرىدىن بىرى بولىدۇ؛ ئىككى دۆلەت 2030-يىلغىچە ئىككى تەرەپلىك سودىنى 100 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلماقتا.
ئىككى تەرەپ سودىسى 2024-2025-مالىيە يىلىدا رېكورت سەۋىيەگە يېتىپ 68.7 مىليارد دوللارغا يەتتى — بۇ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» يۇقۇمىدىن بۇرۇنقى سەۋىيەنىڭ تەخمىنەن ئالتە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
ساۋنىي، رۇسىيە يېتەكچىلىكىدىكى ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈش ئېھتىماللىقىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
تېخنىكا ۋە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى ھەمكارلىقمۇ كۈنتەرتىپتە بار.
غەربكە قارىتىلغان يەرشارىۋى ئۇچۇرلار
تەھلىلچىلەر، بۇ زىيارەتنىڭ ھىندىستاننىڭ تاشقى سىياسەتتىكى مۇستەقىللىقىگە ئائىت بىر ئۇچۇرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتماقتا. ئىگناتوۋ: «ھىندىستان ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيەنى نامايان قىلىش مۇھىم» دېدى.
ئۇ موسكۋانىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى باراۋەر مۇناسىۋەت دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە بۇ زىيارەتنىڭ ياۋروپا بىلەن ئامېرىكاغا، يەنى بېسىمغا قارىماي يېڭى دېھلى ۋە موسكۋانىڭ بىخەتەرلىك، ئېنېرگىيە ۋە كۆپ تەرەپلىك مۇنبەرلەردە ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە: «پۇتىن جازا بېسىمىغا قارىماي رۇسىيەنىڭ ھىندىستان بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى، جۈملىدىن ئېنېرگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشنى خالايدۇ» دەپ سۆزلىرىگە قوشۇمچە قىلدى.
مۇتەخەسسىسلەر يەنە ھىندىستان بولسۇن ياكى رۇسىيە بولسۇن بۇ زىيارەتنى غەربكە جەڭ ئېلان قىلىش شەكلىدە كۆرسىتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
ئىگناتوۋ: «ھەمكارلىقلار، مۇناسىۋەتلەرگە ئوخشاشلا، غەربكە ياكى ئامېرىكاغا قارشى ئەمەس. ئۆزئارا مەنپەئەت ۋە ئىقتىسادىي پايدىغا ئاساسلانغان بولۇپ، ھېچقانداق كۈچكە قارشى ئەمەس» دېدى.
ساۋنىي، ھىندىستاننىڭ يېقىندا ئامېرىكا بىلەن 10 يىللىق بىر مۇداپىئە رامكىسى ئىمزالىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ يېڭى دېھلىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ۋاشىنگتونغا تېخىمۇ زىچ باغلايدىغانلىقىنى ئەسلەتتى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«تاشقى سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك رول جەھەتتىن ھىندىستان ئەمدى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى ئامېرىكاغا تېخىمۇ زىچ بېقىنغان؛ رۇسىيەگە ئەمەس.»
بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھىندىستان 2026-يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقى ئۈچۈن، رۇسىيە ۋە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ئىككى دۆلەت بىلەن ئىجابىي مۇناسىۋەتنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك.
ساۋنىي: «رۇسىيە ئىشەنچلىك ھەمراھ بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. 2026-يىلى ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر كەسكىن پېتى قېلىشى مۇمكىن، ئەمما ھىندىستاننىڭ ئامېرىكاغا بولغان ساداقىتى تەۋرەنمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، رۇسلارمۇ مۇناسىۋەتنىڭ راۋاجلىنىشىنى خالايدۇ» دېدى.
پۇتىننىڭ زىيارىتى، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇكرائىنا تىنچلىق پىلانى سۆھبەتلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلىگە توغرا كەلمەكتە. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، مودى ۋە پۇتىن بۇ ئارقا كۆرۈنۈشنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايدۇ.
كاليانكار: «بۇ ۋەزىيەتلەر ئېھتىمال پۇتىن-مودى ئالاقىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ھەر ئىككى تەرەپ بۇ مۇھىم تەرەققىياتلار ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشى مۇمكىن» دېدى.
ئىگناتوۋ ھىندىستاننىڭ ۋاشىنگتوننىڭ تەكلىپلىرىگە ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مېنىڭچە ھىندىستان بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قىزىقىدۇ؛ چۈنكى رۇسىيە بىلەن سودا قىلىشنى خالايدۇ ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك جازالاردىن قېچىشنى خالايدۇ» دېدى.