سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئارمىيە قوماندانى ترامپ ۋە نېتانياھۇغا تەھدىت سالدى
ئىران ئارمىيە قوماندانى ترامپ ۋە نېتانياھۇنىڭ «تەھدىتلىرىگە» جاۋاب قايتۇرۇش  بىلەن تەھدىت سالدى.
ئىران ئارمىيە قوماندانى ترامپ ۋە نېتانياھۇغا تەھدىت سالدى
ئىران ئارمىيە قوماندانى ترامپ ۋە نېتانياھۇغا تەھدىت سالدى / Reuters

ئىراندا پارتلىغان ئىقتىسادىي ئەھۋالنىڭ ناچارلىشىپ كىتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرى دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى؛ بۇ ئەھۋال ئىران ئارمىيەسىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىغا سەۋەب بولدى.

ئىران ئارمىيە قوماندانى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنى قوللىشىدىن كېيىن، ئىراننىڭ چەت ئەلنىڭ تەھدىتلىرىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىگە تەھدىت سېلىنىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 فارس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېنېرال ئەمىر خاتامى چارشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن:

«ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئىران خەلقىگە قارىتىلغان دۈشمەنلىك سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىنى بىر تەھدىت دەپ قارايدۇ ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ جاۋابسىز قېلىشىغا تاقەت قىلالمايدۇ.

ئەگەر دۈشمەن بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئىراننىڭ قايتۇرىدىغان جاۋابى ئالدىنقى يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئىسرائىلىيە بىلەن يۈز بەرگەن 12 كۈنلۈك ئۇرۇشتىكىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.»

يېقىنقى كۈنلەردە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەگەر نامايىشچىلار ئۆلتۈرۈلسە ئىرانغا مۇداخىلە قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان، بېنيامىن نېتانياھۇ بولسا نامايىشلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 28-دېكابىر تېھراندىكى سودىگەرلەر باھانىڭ ئۆسۈپ كېتىشى ۋە رىيالنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ھەرىكەت تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال بىرنەچچە شەھەردە بەزىلىرى ئۆلۈم بىلەن نەتىجىلەنگەن ئوخشاش شەكىلدىكى نامايىشلارنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشلار تېخى 2022-2023-يىللىرىدىكى ھەرىكەتنىڭ ياكى پىرېزىدېنت سايلىمىدىن كېيىن 2009-يىلى پارتلىغان زور كۆلەملىك كوچا نامايىشلىرىنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكىنى يوق.

لېكىن ئىقتىسادىي ئەھۋالنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرى، رەقىب دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ترامپ يەكشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا: «بىز بۇنى ناھايىتى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. ئەگەر ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشكە باشلىسا، مېنىڭچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن ناھايىتى ئېغىر شەكىلدە تاقابىل تۇرۇشقا ئۇچرايدۇ» دېگەن. نېتانياھۇ بولسا ئىسرائىلىيە كابىنېتىغا: «بىز ئىران خەلقىنىڭ كۈرىشى، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك، ھۆرىيەت ۋە ئادالەتكە بولغان تەلپۈنۈشلىرى ئالدىدا ئۇلار بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ  كۈرەش قىلىمىز» دەپ خىتاب قىلدى.

دۈشەنبە كۈنى ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنى ئىران خەلقىنى مالىمانچىلىق تۇغدۇرۇشقا كۈشكۈرتۈش ۋە ئىراننىڭ مىللىي بىرلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئىيۇن ئېيىدىكى ئۇرۇش ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ ھەربىي ۋە يادرو ئەسلىھەلىرىگە قاراتقان مىسلىسىز ھۇجۇمى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ ھۇجۇملارغا قاتنىشىپ، ئىراننىڭ ئۈچ چوڭ يادرو مۇئەسسەسەسىگە ھۇجۇم قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ