ئىران ئارمىيە قوماندانى ترامپ ۋە نېتانياھۇغا تەھدىت سالدى
ئىران ئارمىيە قوماندانى ترامپ ۋە نېتانياھۇنىڭ «تەھدىتلىرىگە» جاۋاب قايتۇرۇش بىلەن تەھدىت سالدى.
ئىراندا پارتلىغان ئىقتىسادىي ئەھۋالنىڭ ناچارلىشىپ كىتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرى دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى؛ بۇ ئەھۋال ئىران ئارمىيەسىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشىغا سەۋەب بولدى.
ئىران ئارمىيە قوماندانى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلارنى قوللىشىدىن كېيىن، ئىراننىڭ چەت ئەلنىڭ تەھدىتلىرىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدىغانلىقىنى ۋە ئۆزىگە تەھدىت سېلىنىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
فارس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېنېرال ئەمىر خاتامى چارشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن:
«ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئىران خەلقىگە قارىتىلغان دۈشمەنلىك سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىشىنى بىر تەھدىت دەپ قارايدۇ ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ جاۋابسىز قېلىشىغا تاقەت قىلالمايدۇ.
ئەگەر دۈشمەن بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزسە، ئىراننىڭ قايتۇرىدىغان جاۋابى ئالدىنقى يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئىسرائىلىيە بىلەن يۈز بەرگەن 12 كۈنلۈك ئۇرۇشتىكىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.»
يېقىنقى كۈنلەردە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەگەر نامايىشچىلار ئۆلتۈرۈلسە ئىرانغا مۇداخىلە قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان، بېنيامىن نېتانياھۇ بولسا نامايىشلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
28-دېكابىر تېھراندىكى سودىگەرلەر باھانىڭ ئۆسۈپ كېتىشى ۋە رىيالنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ھەرىكەت تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال بىرنەچچە شەھەردە بەزىلىرى ئۆلۈم بىلەن نەتىجىلەنگەن ئوخشاش شەكىلدىكى نامايىشلارنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى نامايىشلار تېخى 2022-2023-يىللىرىدىكى ھەرىكەتنىڭ ياكى پىرېزىدېنت سايلىمىدىن كېيىن 2009-يىلى پارتلىغان زور كۆلەملىك كوچا نامايىشلىرىنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكىنى يوق.
لېكىن ئىقتىسادىي ئەھۋالنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرى، رەقىب دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ترامپ يەكشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا: «بىز بۇنى ناھايىتى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز. ئەگەر ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈشكە باشلىسا، مېنىڭچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن ناھايىتى ئېغىر شەكىلدە تاقابىل تۇرۇشقا ئۇچرايدۇ» دېگەن. نېتانياھۇ بولسا ئىسرائىلىيە كابىنېتىغا: «بىز ئىران خەلقىنىڭ كۈرىشى، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك، ھۆرىيەت ۋە ئادالەتكە بولغان تەلپۈنۈشلىرى ئالدىدا ئۇلار بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىمىز» دەپ خىتاب قىلدى.
دۈشەنبە كۈنى ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنى ئىران خەلقىنى مالىمانچىلىق تۇغدۇرۇشقا كۈشكۈرتۈش ۋە ئىراننىڭ مىللىي بىرلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى.
ئىيۇن ئېيىدىكى ئۇرۇش ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ ھەربىي ۋە يادرو ئەسلىھەلىرىگە قاراتقان مىسلىسىز ھۇجۇمى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ ھۇجۇملارغا قاتنىشىپ، ئىراننىڭ ئۈچ چوڭ يادرو مۇئەسسەسەسىگە ھۇجۇم قىلغان ئىدى.