سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
كانادادا لىبېراللار ھاكىمىيەت بېشىغا قايتىپ كەلدى
كانادادا لىبېراللار پارتىيەسى مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەن ئىدى، لېكىن ترامپنىڭ كانادا ھەققىدىكى ئىختىلاپلىق سۆزلىرى بۇ رىقابەتنى ئۆزگەرتىۋەتتى.
كانادادا لىبېراللار ھاكىمىيەت بېشىغا قايتىپ كەلدى
Liberal Leader Mark Carney votes with his wife Diana Fox Carney in Ottawa, Ontario, Canada, April 28, 2025. / Reuters

لىبېراللار ترامپنىڭ كانادا توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلىق سۆزلىرى سايلامغا تەسىر يەتكۈزگىچە مەغلۇبىيەتكە قاراپ ماڭغان ئىدى.

كانادا خەلقى سايلامدا ھازىرقى لىبېراللارغا يەنە تۆت يىل پۇرسەت بېرىپ، باش مىنىستىر مارك كارنېينىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تاموژنا بېجى ۋە كانادانى قوشۇۋېلىش خىيالىغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا بولغان ئىشەنچىنى بىلدۈردى.

كارنىي كانادا خەلقىگە ئۆزىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدە كانادا مەركىزىي بانكاسى ۋە ئەنگلىيە مەركىزىي بانكاسىنىڭ باشلىقى بولغانلىقىدەك ئارقا كۆرۈنۈشىدىن پايدىلىنىپ، ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان تاموژنا بېجى ۋە ترامپ بىلەن تۈزۈلىدىغان يېڭى سودا كېلىشىمى قاتارلىق مەسىلىلەردە، دۆلەتنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىم يېتەكلىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كونسېرۋاتېپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى پىيېر پويلىيېۋرە (Pierre Poilievre) باش مىنىستىر جاستىن ترۇدونىڭ 10 يىللىق «ئاستا ئىلگىرىلىگەن» لىبېراللارغا قارشى «ئۆزگىرىش ۋەدىسى» بىلەن سايلامغا قاتناشتى، لېكىن غەلىبە قىلالمىدى.

كانادالىقلار پويلىيېۋرەنىڭ ۋەدىلىرىنى رەت قىلدى. بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق مەغلۇبىيەت بولدى، چۈنكى ئۇ بىر نەچچە ئاي داۋامىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەلرايى تەكشۈرۈشىدە لىبېراللارنىڭ ئالدىدا تۇرغانىدى.

ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي خەلق تەرىپىدىن ئانچە ياخشى كۆرۈلمەيدىغان جاستىن ترۇدونىڭ ئىستېپا بېرىشى ۋە سىياسەتكە يېڭى قەدەم تاشلىغان كارنېينىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىگە كېلىشى بىلەن ۋەزىيەت ئۆزگەردى.

 لىبېراللار ئەلرايى تەكشۈرۈشىدە تېز سۈرئەتتە ئالدىغا ئۆتۈپ، كونسېرۋاتىپلارنى ئارقىدا قالدۇردى ۋە 27-ئاپرېلدىكى ئاخىرقى ئەلرايى تەكشۈرۈشىدە %4 ئالدىغا ئۆتتى.

قانداق ھۆكۈمەت قۇرۇلىدىغانلىقى ھازىرچە مۇجىمەل


كادادا خەلقى  كارنېينىڭ ترامىپقا قارشى تۇرۇشتا ۋەزىيەتنى مۇقىم باشقۇرالايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىغا ئىشەندى. لېكىن ئۇ ھېچقاچان سىياسەتتە بولۇپ باقمىغان، بولۇپمۇ يۇقىرى ۋەزىپىلەردە.

سايلام ئىككى پارتىيەنىڭ رىقابىتىگە ئايلاندى. جاگمىت سىنگ (Jagmeet Sing) رەھبەرلىكىدىكى يېڭى دېموكراتىك پارتىيە ھېچقاچان رىقابەتچى بولالمىدى.

كانادا پارلامېنتىدا 343 ئورۇن بار بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىش ئۈچۈن 172 ئورۇن كېرەك.

كانادا جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن بەك چوڭ بولغاچقا، ئالتە ۋاقىت رايونى بار. سايلام ئاۋازلىرى ھېلىھەم سانالماقتا، شۇڭا كارنېينىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت ياكى ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى