سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
جېنسېن خۇاڭ: خىتاي سۈنئىي ئەقىلدە ئامېرىكادىن نانوسېكۇنت ئارقىدا
ن ۋىدىيا (Nvidia) شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى جېنسېن خۇاڭ ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سۈنئىي ئەقىل توغرىسىدىكى «گۇمان» سەۋەبىدىن ئارقىدا قالغانلىقىنى ئېيتتى.
جېنسېن خۇاڭ: خىتاي سۈنئىي ئەقىلدە ئامېرىكادىن نانوسېكۇنت ئارقىدا
ن ۋىدىيا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى جېنسېن خۇاڭ بېرلىندىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا. 2025-يىلى 4-نويابىر. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

ن ۋىدىيا شىركىتىنىڭ  باش ئىجرائىيە دىرېكتورى جېنسېن خۇاڭ: «خىتاي سۈنئىي ئەقىل مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلىدۇ» دېدى.

ن ۋىدىيا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى جېنسېن خۇاڭ خىتاينىڭ كېيىنكى ئەۋلاد سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇسابىقىسىدە «غەلىبە قىلىدىغانلىقى» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، ۋاشىنگتوننى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە چاقىردى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ ئۆزەك (يېرىم ئۆتكۈزگۈچ) شىركىتىنىڭ باشلىقى «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى» گە، بېيجىڭنىڭ ئېنېرگىيە تولۇقلىمىسىنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيەسىگە كۈچ بېرىدىغان ئەڭ يېڭى ئۆزەكلەرنى ياساش تىرىشچۈنلىقلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەنگلىيە گېزىتى چارشەنبە (4-نويابىر) كۈنى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە، ئۇنىڭ «خىتاي سۈنئىي ئەقىل مۇسابىقىسىدە غەلىبە قىلىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئۇ  ئېكس (X) بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە: «مەن بۇرۇندىن تارتىپ ئېيتىپ كەلگىنىمدەك، خىتاي سۈنئىي ئەقىل جەھەتتە ئامېرىكادىن نانوسېكۇنت ئارقىدا. ئامېرىكا دۇنيادا سۈنئىي ئەقىل تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلارنىڭ قوللىشىنى  قولغا كەلتۈرۈپ ۋە تېخىمۇ ئالدىغا ئۆتۈپ، بۇ مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىقىشى ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.

كالىفورنىيەنى بازا قىلغان ن ۋىدىيا ئۆتكەن ھەپتە دۇنيادىكى تۇنجى 5 تىرىليون دوللارلىق شىركەتكە ئايلانغان ئىدى. بىراق، شۇنىڭدىن كېيىنلا شىركەتنىڭ بازار قىممىتى 4.7 تىرىليون دوللارغا چۈشۈپ كەتتى.

ن ۋىدىيا ئىشلەپچىقارغان ئەڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆزەكلەر سۈنئىي ئەقىل سىستېمىسىنى ئۆگىتىش ۋە قوزغىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ھازىر ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسىلىسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلەشلىرى سەۋەبىدىن خىتايدا سېتىلمايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Dominance to dependence: How the US–China AI race is shaping the future

 سۈنئىي ئەقىلگە بولغان «گۇمان»

ئاقساراي مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا، ن ۋىدىيانىڭ ئىلغار  بلەكۋېل (Blackwell)  ئۆزەك مودېلىنى خىتايدا سېتىشىغا يەنىلا قىزىقمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاقساراي بۇنىڭغا خىتايغا ھەربىي ئەۋزەللىك يارىتىپ بېرىش خەۋپىنى چەكلەشنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتتى.

جېنسېن خۇاڭ ۋاشىنگتوننى ن ۋىدىيانىڭ ئۆزەك ئېكسپورتىغا قويۇغان چەكلىمىلەرنى بوشىتىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغان ۋە بۇ سىياسەتنىڭ پەقەت خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئۆزەك تېخنولوگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

سۈنئىي ئەقىلگە قويۇلغان يېڭى چەكلىمىلەرنى تەنقىد قىلغان بۇ سودىگەر يەنە، چارشەنبە (4-نويابىر) كۈنى «پۇل-مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتى» گە، ئامېرىكا ئىشىتاتلىرى تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان يېڭى سۈنئىي ئەقىل چەكلىمىلىرىنى تەنقىد قىلغاندا، خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىلنى قوللاپ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە تولۇقلىما بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ سۈنئىي ئەقىلگە بولغان «گۇمان» سەۋەبىدىن ئارقىدا قالغانلىقىنى ئېيتتى.

 

ئىزدىنىڭ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى