سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىسرائىلىيەگە يېتىپ كەلدى
تەخمىنەن 200 ئامېرىكا ئەسكىرى غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە يېتىپ كەلدى.
ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىسرائىلىيەگە يېتىپ كەلدى
ئامېرىكا ئەسكەرلىرى كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئىسىرائىلىيەگە يېتىپ بېرىش ئالدىدا، تىزىلىپ ئايروپىلانغا چىقماقتا. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

تەخمىنەن 200 ئەتراپىدىكى ئامېرىكا ئەسكىرى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ياردەم قىلىدۇ، ئەمما غەززەگە كىرمەيدۇ.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى شەنبە (11-ئۆكتەبىر) كۈنى كۆپ دۆلەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش ھەربىي قىسمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە يېتىپ كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇلار غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىدىكەن.

ئا ب س (ABC) تېلېۋىزىيەسى ئىككى ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، تەخمىنەن 200 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل ماسلاشتۇرۇش مەركىزىي قۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ ھەربىي قىسىمنىڭ تەمىنلەش، بىخەتەرلىك، قاتناش، پىلانلاش ۋە قۇرۇلۇش قاتارلىق ساھەلەردە خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىسرائىلىيەدە تۇرىدىغان بولۇپ، غەززەگە كىرمەيدىكەن. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) نىڭ باشلىقى ئادمىرال برادلېي كوپېر (BradleyCooper) نىڭ قوماندانلىقىدا، كۆپ دۆلەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش قىسمىغا قاتناشقان رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump set to join leaders, diplomats from Türkiye, Pakistan, other nations at Gaza summit in Egypt

ترامپنىڭ 20 ماددىلىق پىلانى

بۇ ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 29-سېنتەبىر غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنى توختىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان 20 ماددىلىق پىلانىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىغا چارشەنبە (8-ئۆكتەبىر) كۈنى قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن باشلاندى.

كېلىشىم بويىچە، ھاماس بارلىق ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنى تەخمىنەن 2000 پەلەستىنلىك مەھبۇسقا ئالماشتۇرىدۇ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا غەززەدىن تەدرىجىي چېكىنىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچتا، غەززەدە ھاماس قاتناشمىغان يېڭى باشقۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇش، بىرلىشمە پەلەستىنلىكلەر ۋە باشقا مۇسۇلمانلاردىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە بىخەتەرلىك قىسمى قۇرۇش ۋە ئاخىرىدا ھاماسنى قورالسىزلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ.

2023-يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 67 مىڭ 200 ئەتراپىدا پەلەستىنلىك جېنىدىن ئايرىلدى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار. بۇ جەرياندا غەززە ئادەم ياشىغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلدى.

 

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ