خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسپانىيە «ياۋروپا ئارمىيەسى قۇرۇش» نى چاقىرىق قىلدى
ئىسپانىيە: «ھەر ئەتىگەندە ئامېرىكانىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئويغانساق بولمايدۇ» دېدى.
ئىسپانىيە «ياۋروپا ئارمىيەسى قۇرۇش» نى چاقىرىق قىلدى
ئىسپانىيە «ياۋروپا ئارمىيەسى قۇرۇش» نى چاقىرىق قىلدى / Reuters

ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسې مانۇئېل ئالبارېس، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە ساھەسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىش مەقسىتىدە ئۆز ئارمىيەسىنى قۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

برىيۇسسېلدىكى تاشقى ئىشلار كېڭىشى يىغىنىدىن ئىلگىرى بايانات بەرگەن ئالبارېس، ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ناتو (NATO) ئىتتىپاقىغا قارىتا تەنقىدلىرىدىن كېيىن، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە ئوخشاش ئاكتىيورلارنىڭ ۋاشىنگتوننىڭ ياردەمگە كېلىش-كەلمەسلىكىنى سىناپ بېقىشىغا قارشى تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئالبارېس: «ھەر كۈنى ئەتىگەن ئامېرىكانىڭ كېيىنكى قەدىمىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ ئويغانساق بولمايدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ناتونى ئاجىزلاشتۇرمايدۇ

مۇستەقىل بىر مۇداپىئە كۈچىنىڭ ناتونى ئاجىزلاشتۇرمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ئامېرىكانىڭمۇ ئۆز ئارمىيەسىنى كۈچەيتىشىنىڭ ئىتتىپاققا زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ناتونىڭ تەمىنلىگەن چېكىندۈرگۈچ كۈچىنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلغان ئالبارېس: «ئەگەر ناتو ئىلگىرى تەمىنلىگەن بىخەتەرلىكنى ئەمدى تەمىنلىيەلمەيدىغان بولسا، ياۋروپالىقلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

ترانس ئاتلانتىك مۇناسىۋەتلەردە يېڭى دەۋر

جوسې مانۇئېل ئالبارېس ئامېرىكانىڭ ياۋروپالىقلارنىڭ تارىخىي ۋە تەبىئىي ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ترانس ئاتلانتىك مۇناسىۋەتلەرگە ئائىت يېڭى پىكىر ۋە تەسەۋۋۇرلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىش كېرەكلىكىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

گېرمانىيە كانسلېرى فىرىدرىخ مېرزنىڭ ئىران بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرگە ئائىت باياناتلىرىدىن كېيىن، ترامپنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا گېرمانىيەدىن 5 مىڭ ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشى بىلەن جىددىيچىلىك تېخىمۇ ئەۋج ئالدى. ئىسپانىيە ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىغا ۋە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە قارىتا ياۋروپا ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك تەنقىدلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە گەۋدىلەنمەكتە.

«ياۋروپا ئارمىيەسىنى قۇرۇش» پىكىرى ترامپنىڭ ناتودىن چىقىپ كېتىش تەھدىتلىرى ۋە دانىيە زېمىنى گرېنلاندىيەنى قوشۇۋېلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا ئوخشاش تالاش-تارتىشلىق سۆزلىرىدىن كېيىن، برىيۇسسېل كارىدورلىرىدا قايتىدىن ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»