ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارشى جازا تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىدۇ
ئېستونىيە باش مىنىستىرى كاللاس يېڭى ئېمبارگو لايىھەسىدە رۇسىيەنىڭ «كۆلەڭگە فىلوتى» غا تەۋە يەنە 105 پاراخوتقا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى، رۇسىيە بانكىلىرىنىڭ خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە مېخانىزملىرىغا ئېرىشىشىگىمۇ چەكلىمە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارشى جازا تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارشى جازا تەدبىرلىرى دائىرىسىدە شىمالىي ئېقىم تۇرۇبا لىنىيەسىدىن ئىمپورت قىلىشنى مەنئىي قىلىدۇ / Reuters

ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارشى ھازىرغىچە «ئەڭ كۈچلۈك» دەپ قارالغان ئېمبارگو لايىھەلىرىنىڭ بىرىنى ماقۇللىدى. بۇ لايىھە شىمالىي ئېقىم تۇرۇبا لىنىيەسىدىن ئىمپورت قىلىشنى مەنئىي قىلىش ۋە نېفىت ئېكسپورتىغا تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمە قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەقتىكى بايانات جۈمە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر ئالىي ۋەكىلى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

ئېستونىيە باش مىنىستىرى كايا كاللاس X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«بىز مەيدانىمىزدا قەتئىي چىڭ تۇرىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارشى ھازىرغىچە بولغان ئەڭ كۈچلۈك ئېمبارگو لايىھەلىرىنىڭ بىرىنى ماقۇللىدى. شىمالىي ئېقىم تۇرۇبا لىنىيەسىدىن ئىمپورت قىلىش مەنئىي قىلىنىدۇ. نېفىت ئۈچۈن تېخىمۇ تۆۋەن باھا چېكى بېكىتىلىدۇ. بىز رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائىتى، جازالاردىن ئايلىنىپ ئۆتۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەرگەن خىتاي بانكىلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكىلارنىڭ ئېكسپورتىغا قارشى بېسىمنى كۈچەيتىۋاتىمىز.»

كاللاس ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەنىڭ «كۆلەڭگە فىلوتى» غا تەۋە يەنە 105 پاراخوتقا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ۋە رۇسىيە بانكىلىرىنىڭ خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە مەنبەلىرىگە ئېرىشىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ موسكۋاغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەنلىكىنى، ئېمبارگولار ئارقىلىق «كىرېمىل سارىيىنىڭ ئۇرۇش خامچوتىنى تېخىمۇ قىسىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

كاللاس يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر چەت ئەل بايراق تىزىملاش ئورگىنىنى نىشان قىلغانلىقىنى ۋە رۇسىيەگە تەۋە روسنېفت شىركىتىنىڭ ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنىڭمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«جازا تەدبىرلىرىمىز ئۇكرائىنالىق بالىلارغا ئىدېئولوگىيەلىك تەسىر كۆرسەتكەنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بىز جازا تەدبىرلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز، شۇنداق قىلغاندا تاجاۋۇزچىلىقنى توختىتىش موسكۋا ئۈچۈن بىردىنبىر تاللاش بولىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى