ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى ئۇچقۇچىسى خىتاي ئارمىيەسىنى مەشىق قىلدۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىندى

پېنسىيەگە چىققان ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۇچقۇچىسى ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە ھۆددىگەرچىسى گېرالد بروۋن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن رۇخسەت ئالماي تۇرۇپ، خىتاي ھاۋا ئارمىيەسى خادىملىرىنى ئۇرۇش ئايروپىلانى مەشىقى قىلدۇرۇش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

By
ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سابىق ئۇچقۇچىسى خىتاي ئارمىيەسىنى مەشىق قىلدۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىندى / Reuters

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى خىتاي ھەربىي خادىملىرىنى رۇخسەتسىز مەشىق قىلدۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سابىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۇچقۇچىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، 65 ياشلىق گېرالد بروۋن 2023-يىلى دېكابىردىن بۇيان تۇرۇۋاتقان خىتايدىن يېقىندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىندىئانادا تۇتقۇن قىلىنغان.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، بروۋننىڭ «خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىدىكى ئۇچقۇچىلارنى جەڭ ئايروپىلانى مەشىقى قىلدۇرۇش ئۈچۈن چەت ئەللىكلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈش» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى، ئۇنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن رۇخسەت ئالماي تۇرۇپ شۇنداق قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ مۇدىرى كاش پاتېل ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە مۇنداق بىر ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى:

 «چوڭ خەۋەر... فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە شېرىكلىرىمىز خىتاي ئارمىيەسىدىكى ئۇچقۇچىلارنى مەشىق قىلدۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سابىق ئۇچقۇچىسىنى تۇتقۇن قىلدى.»

بروۋن 24 يىللىق ھاۋا ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا، «يادرو قوراللىرىنى توشۇش سىستېمىلىرىغا مەسئۇل سەزگۈر قىسىملارنى باشقارغان، جەڭگىۋار ۋەزىپىلەرگە رەھبەرلىك قىلغان ھەمدە تۈرلۈك جەڭ ۋە ھۇجۇم ئايروپىلانلىرىدا ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۇچقۇچىسى ۋە سىمۇلياتور ئۇچقۇچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن.»

باياناتقا ئاساسلانغاندا، بروۋن 1996-يىلى ئارمىيەدىن پېنسىيەگە چىقىپ، يۈك ئايروپىلانى ئۇچقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن؛ ئەمما كېيىنچە «A-10» ۋە ئەڭ يېڭى تېخنىكىلىق «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ھەيدەش بويىچە ئۇچقۇچىلارنى مەشىق قىلدۇرىدىغان بىر ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ھۆددىگەرچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان.

ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، بروۋن 2023-يىلى ئاۋغۇستتا، 2016-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن باشقا بىر جاسۇسلۇق پىلانى سەۋەبىدىن ئامېرىكادا تۆت يىللىق قاماق جازاسىنى ئۆتىگەن خىتاي پۇقراسى ستېفېن سۇ بىن بىلەن توختام سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان ۋە 2023-يىلى دېكابىردا مەشىقلەرنى باشلاش ئۈچۈن خىتايغا كەتكەن.

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەكسىچە ئىستىخبارات ۋە جاسۇسلۇق بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى رومان روجاۋىسكىي: «خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھازىرقى ۋە سابىق ئەزالىرىنىڭ كەسپىي بىلىملىرىدىن داۋاملىق پايدىلانماقتا» دېدى.

روجاۋىسكىي سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ: «بۇ تۇتقۇن قىلىش ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە؛ فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە شېرىكلىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكىمىزنى خەتەرگە ئىتتىرىش ۋە ئەسكەرلىرىمىزگە زىيان يەتكۈزۈش مەقسىتىدە رەقىبلىرىمىز بىلەن ھەمكارلاشقان ھەرقانداق ئادەمدىن ھېساب سوراش ئۈچۈن ھېچقانداق توسۇقنى تونۇمايدۇ» دېدى.