سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى،ئىككى تەرەپ بۇنى جەزملەشتۈردى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۈچ كۈنلۈك ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شەنبە كۈنىدىن باشلىنىدىغان ئۇرۇش توختىتىش ئۆزئارا 1000 دىن ئەسىر ئالماشتۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ترامپ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى،ئىككى تەرەپ بۇنى جەزملەشتۈردى
روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ترامپنىڭ باياناتىدىن ئىلگىرى جۈمە كۈنى ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىشتى. / AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا شەنبە (2026-يىلى 9-ماي) كۈنىدىن باشلاپ ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلدى ھەمدە بۇنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك كېلىشىمگە يول ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇرۇش توختىتىشنى ۋە كەڭ كۆلەملىك ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى جەزملەشتۈردى.

رۇسىيە ئىلگىرى شەنبە كۈنىگە توغرا كېلىدىغان 9-ماي «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى زەپەر بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۆز ئالدىغا ئىككى كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلغانىدى. ئۇكرائىنا بولسا ئىلگىرى ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى بەرگەنلىكىنى، ئەمما موسكۋانىڭ بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ترامپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق ئۇرۇش توختىتىش يەنە ئۆزئارا 1000 دىن ئەسىر ئالماشتۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ترامپ ئۆتكەن يىلى (2025) ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بىر كۈن ئىچىدە ھەل قىلىشقا ۋەدە بەرگەن، ئەمما ھازىر تۆتىنچى يىلىغا قەدەم قويغان بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

ترامپ ئۆزىنىڭ «ھەقىقىي مېديا » (Truth Social) تاراتقۇ بېتىدە: «شۇنى خۇشاللىق بىلەن ئېلان قىلىمەنكى، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئۈچ كۈنلۈك (9-، 10- ۋە 11-ماي كۈنلىرى) ئۇرۇش توختىتىش بولىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە: «بۇ تەلەپنى مەن بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويدۇم، پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن پىرېزىدېنت ۋولودىمىر زېلېنسكىينىڭ بۇنىڭغا قوشۇلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ ناھايىتى ئۇزۇن، تالاپىتى ئېغىر ۋە كەسكىن داۋاملاشقان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغۇسى» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Russia, Ukraine trade major attacks ahead of Moscow's Victory Day celebrations

ئۇرۇش داۋاملاشماقتا

ترامپنىڭ ئېلانىدىن ئىلگىرى، جۈمە (2026-يىلى 8-ماي) كۈنى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇردى.

ئۇكرائىنا ئىلگىرى موسكۋانىڭ ھۇجۇمنى قىسقا مۇددەت توختىتىش چاقىرىقىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە پۇتىننى شەنبە (9-ماي) كۈنىدىكى قىزىل مەيدان ھەربىي پاراتىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈنلا ئۇرۇشنى توختاتماقچى بولۇۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

كىيېۋ تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، موسكۋا ئۇكرائىنانىڭ مۇشۇ ھەپتە بېشىدا ئوتتۇرىغا قويغان قىسقا مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىگە پىسەنت قىلمىغان. زېلېنسكىي بۇنى كرېمىل سارىيىنىڭ تۆت يىللىق ئۇرۇشتا ھەقىقەتەن ئارام ئېلىشنى خالايدىغان-خالىمايدىغانلىقىنى سىنايدىغان بىر سىناق دەپ قارىغان.

رۇسىيە ئەگەر ئۇكرائىنا زەپەر بايرىمى پاراتىغا دەخلى يەتكۈزسە، كىيېۋنىڭ مەركىزىگە كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سېلىپ، چەت ئەل دىپلوماتلىرىنى كىيېۋدىن ئايرىلىشقا قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇكرائىنا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرغىچە قوشۇمچە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈلمىگەن. ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيەسى رۇسىيەنىڭ كېچىچە 67 ئۇچقۇ قويۇپ بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىر ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

«ئوخشاش دەرىجىدە جاۋاب قايتۇرۇش»

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، دۈشمەن ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى تۆۋەنلەتكىنى يوق» دېدى ۋە ئۇكرائىنانىڭمۇ ئوخشاش دەرىجىدە جاۋاب قايتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيە يېرىم كېچىدىن باشلاپ ئۇكرائىنانىڭ 400 دىن ئارتۇق ئۇچقۇسىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى (بۇنىڭ ئىچىدە 100 ى موسكۋانى نىشانلىغان)، ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ «ئوخشاش دەرىجىدە جاۋاب قايتۇرۇۋاتقانلىقى» نى ئېيتتى.

بىلدۈرۈلىشىچە، ئۇكرائىنا ئۇچقۇسىنىڭ زەربىسىدە رۇسىيە ئىشغالىيىتىدىكى خېرسون رايونىدا 41 ياشلىق بىر كىشى بىلەن ئۇنىڭ 15 ياشلىق قىزى جېنىدىن ئايرىلغان.

زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ موسكۋانىڭ تەخمىنەن 200 كىلومېتىر شەرقىي شىمالى تەرىپىدىكى ياروسلاۋل رايونىدىكى بىر نېفىت ئامبىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئالقىشلىدى.

رۇسىيە قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، جۈمە (8-ماي) كۈنى ئۇكرائىنا ئۇچقۇلىرى رۇسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى روستوۋ-دوندىكى بىر ھاۋا قاتنىشى قوماندانلىق مەركىزىگە زەربە بەرگەندىن كېيىن، رۇسىيە جەنۇبىدىكى 13 ئايرودۇرۇم تاقالغان. كېيىنچە ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ قىسمەن ئەسلىگە كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. پۇتىن بۇ ھۇجۇم توغرىسىدا بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنى چاقىرىپ، بۇنى ھاۋا قاتنىشىغا خەتەر ئېلىپ كېلىدىغان «تېررورلۇق خاراكتېرلىك ھەرىكەت» دەپ ئاتىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Ukraine sends top envoy to US to revive talks with Russia

سۆھبەتتە ئىلگىرىلەش ئاز

ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشىنى 9-مايدىكى زەپەر بايرىمى پاراتىنى قوغداش ئۈچۈن قىلىنغان بىر «تەشۋىقات تەدبىرى» دەپ رەت قىلغانىدى. بۇ پارات پۇتىن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ۋەتەنپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.

رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ۋاقتى باشلىنىشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى، زېلېنسكىي موسكۋانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنى پاراتقا قاتناشماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.

پۇتىن 25 يىللىق ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ناتسىست گېرمانىيەسى ئۈستىدىن قازانغان غەلىبىسىنى مەركىزىي بايانغا ئايلاندۇرۇپ، ھەر يىلى 9-ماي موسكۋا مەركىزىدىكى قىزىل مەيداندا چوڭ تىپتىكى پاراتلارنى ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە.

ئەمما، بۇ قېتىمقى پاراتتا، تەخمىنەن يىگىرمە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېغىر تىپتىكى ھەربىي قورال-ياراغلار قاتناشتۇرۇلمايدۇ. پاراتقا پەقەت ئاز ساندىكى چەت ئەللىك مېھمانلارلا قاتنىشىدۇ.

ياۋروپادا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش سۆھبەتلىرىدە ئاز ئىلگىرىلەش بولدى ۋە بۇ مەسىلە ئىران ئۇرۇشى سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىدىن چەتتە قالماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
خىتاي ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا  چەكلىمە قويدى
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە نېمە قارارلار قىلىندى؟
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز
قاھىرە يىغىنى باشلاندى
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ