سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران: ترامپنىڭ ھۇجۇمنى توختىتىش سىگنالىغا قارىماي، تەبىئىي گاز ئەسلىھەلىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىندى
ئىران دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكانىڭ ئىسفاھان ۋە خۇررامشەھەردىكى تەبىئىي گاز ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئىران: ترامپنىڭ ھۇجۇمنى توختىتىش سىگنالىغا قارىماي، تەبىئىي گاز ئەسلىھەلىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىندى
ئىران: ترامپنىڭ ھۇجۇمنى توختىتىش سىگنالىغا قارىماي، تەبىئىي گاز ئەسلىھەلىرىمىزگە ھۇجۇم قىلىندى / Reuters

دائىرىلەر تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنىڭ ھېچقاچان توختاپ قەلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران تاراتقۇلىرى سەيشەنبە كۈنى، ئىسرائىلىيە-ئامېرىكا ھۇجۇملىرىنىڭ ئىككى تەبىئىي گاز ئەسلىھەسى ۋە بىر تۇرۇبا لىنىيەسىنى نىشان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى؛ بۇ خەۋەر ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئېلېكتىر ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىش تەھدىتىدىن ۋاز كېچىپ بىرنەچچە سائەت كېيىنلا تارقالدى.

فارس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:

 «دۈشمەن زىيونىست ۋە ئامېرىكانىڭ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرى داۋامىدا، ئىسفاھاندىكى كاۋېھ كوچىسىدىكى تەبىئىي گاز باشقۇرۇش بىناسى ۋە تەبىئىي گاز بېسىمىنى تەڭشەش پونكىتى نىشان قىلىندى.»

 ئىراندا ئەسلىھەلەرنىڭ «بىر قىسمىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى» ئەسكەرتكەن ئاگېنتلىق، ھېچقانداق مەنبە كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، بۇ ۋەقەنى خەۋەر قىلغان بىردىنبىر ئاخبارات ئورگىنى بولدى.

ئاگېنتلىق يەنە دۆلەتنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خۇررامشەھەر ئېنېرگىيە ئىستانسىسىنىڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فارس ئاگېنتلىقىنىڭ ئىراق چېگراسىدىكى مەزكۇر شەھەرنىڭ ۋالىيسىنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:

«بىر بومبا خۇررامشەھەر تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنى بىر تەرەپ قىلىش پونكىتىنىڭ سىرتىدىكى رايونغا تەگدى.»

ۋالىي ئۇل ئەسلىھەنىڭ نورمال پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنىڭ ھېچقاچان توختاپ قەلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ دۈشەنبە كۈنى فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى (AFP) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا،  ئىران بىلەن «ئىشلارنىڭ ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتقانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى؛ بۇ بايانات تېھران بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەر ۋە ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېنېرگىيە ئىستانسىلىرىنى نىشان قىلماسلىق ھەققىدىكى بەش كۈنلۈك مۆھلەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا كەلدى.

ترامپنىڭ ئىران مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى، تېھران ئىستراتېگىيەلىك ھۇجۇم نۇقتىسى بولغان ھورمۇز بوغۇزىنى قايتا ئاچمىسا، ئىراننىڭ ئېنېرگىيە ئىستانسىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەھدىت سالغان ئىككى كۈنلۈك ئۇلتىماتۇمنىڭ مۇددىتى توشۇشتىن بىرنەچچە سائەت ئىلگىرى يۈز بەردى.

ئىران تاراتقۇلىرى بولسا دۈشەنبە كۈنى، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان ھېچقانداق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ