سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ھىزبۇللاھنىڭ راكېتا ھۇجۇمى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى ھەيران قالدۇردى
ھىزبۇللاھنىڭ راكېتا ھۇجۇمى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنى ھەيران قالدۇردى؛ نېتانياھۇ ئۇرۇش كابىنېتىنى جىددىي يىغىنغا چاقىردى.
ھىزبۇللاھنىڭ راكېتا ھۇجۇمى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى ھەيران قالدۇردى
ھىزبۇللاھنىڭ راكېتا ھۇجۇمى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنى ھەيران قالدۇردى / AP

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ھىزبۇللاھنىڭ ھۇجۇم تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى شەھەرلەرگە ئونلارچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭغا ھەيران قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

بىر خەۋەرگە قارىغاندا، نېتانياھۇ تېل ئاۋىۋنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدا كەسكىنلەشتۈرگەن جىددىيچىلىكىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى ۋەزىيەتنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن مەسئۇللار بىلەن جىددىي خەۋپسىزلىك يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

13-تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نېتانياھۇ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز، باش ئىشتاب باشلىقى ئېيال زامىر ۋە شىمالدىكى ئارمىيە قۇماندانلىرى بىلەن جىددىي خەۋپسىزلىكنى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى چاقىرغان.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن:

«ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ كۆلىمى ۋە ھىزبۇللاھنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى قۇرۇقلۇق ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ كېڭىيىشىگە جاۋابەن ئوق چىقىرىش تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىش قارارى ئالدىدا ھەيران قالدى.

شەنبە كۈنى لىۋاندىن شىمالغا قاراپ ئونلارچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىلدى ۋە 17-ئاپرېلدا ئۇرۇش توختىتىش باشلانغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇ بومبىلار ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى سافېد ۋە ناھارىيا شەھەرلىرىگە چۈشتى.

شىمالدا تولۇق بىر قالايمىقانچىلىق ۋە كونترول قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئەھۋال مەۋجۇت بار، لېكىن ھۆكۈمەت بۇ ئەھۋالدىن ئەنسىرىمەيۋاتىدۇ.»

ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى «تەھدىتى»

ئىسرائىلىيە ئارمىيە رادىيوسى شەنبە كۈنى، ئىسرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسىي ئاجىز ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى باشلانغاندىن بۇيان شىمالدا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنىڭ 1099 قېتىم چالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ھىزبۇللاھ ناتۇئا ئولتۇراق رايونى ئەتراپىدا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى گالىلى ئورمانلىقى ھەربىي لاگېرىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى نىشان قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارغانلىقىنى جاكارلىدى.

يېقىنقى ھەپتىلەردە ھىزبۇللاھنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئىسرائىلىيەدە بارغانسېرى ئېشىۋاتقان بىر ئەنسىزلىككە سەۋەب بولماقتا. نېتانياھۇ بولسا بۇلارنى بايقاشنىڭ قىيىنلىقى سەۋەبىدىن ۋەزىيەتنى «چوڭ بىر تەھدىت» دەپ سۈپەتلىدى.

ئىسرائىلىيە ئامېرىكانىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋاسىتىلىك سۆھبەتلەردىن كېيىن، مۇددىتى 17-مايدىن باشلاپ 45 كۈن ئۇزارتىلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، لىۋانغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇردى.

لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2-مارتتىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى لىۋاندا 3371 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، مىسىر، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئورتاق بايانات بىلەن ئەيىبلىدى
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى