غەززە ئۇرۇشى
3 مىنۇت ئوقۇش
«يەر شارىۋى سۇمۇد فىلوتى» پائالىيەتچىلىرى «ئىسرائىلىيە تېررورىزمى» نى قاتتىق ئەيىبلىدى
«يەر شارىۋى سۇمۇد فىلوتى» پائالىيەتچىلىرى «ئىسرائىلىيە تېررورىزمى» نى ئەيىبلىدى، تۈركىيەنىڭ قوللىشىغا يۇقىرى باھا بەردى
«يەر شارىۋى سۇمۇد فىلوتى» پائالىيەتچىلىرى «ئىسرائىلىيە تېررورىزمى» نى قاتتىق ئەيىبلىدى
«يەر شارىۋى سۇمۇد فىلوتى» پائالىيەتچىلىرى «ئىسرائىلىيە تېررورىزمى» نى قاتتىق ئەيىبلىدى / AA
2025-يىلى10-ئاينىڭ5-كۈنى

«يەر شارىۋى سۇمۇد فىلوتى» پائالىيەتچىلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇل ئايرودرومىغا نۇرغۇن ساندا خەلق توپى يىغىلغان بولۇپ، پائالىيەتچىلەر تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىندى.

مەسئۇللارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ۋە تۇتۇپ قېلىنغان «يەر شارىۋى سۇمۇد فىلوتى» پائالىيەتچىلىرىنى ئېلىپ ماڭغان ئايروپىلان شەنبە چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇل ئايرودرومىغا قونغان.

پائالىيەتچىلەر نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇش جەريانىدا ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە خىلاپ مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئۇلارغا ئۈچ كۈنگىچە سۇ بېرىلمىگەنلىكىنى ۋە ھەتتا ناماز ئوقۇشىغىمۇ يول قويۇلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىر پائالىيەتچى TRT World قانىلىغا: «كېمىلىرىمىز غەززەگە كىرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ خورلىشىغا ئۇچرىدۇق؛ بىز غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۇق، بۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىرغىچە قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشلىرىغا ماس كېلىدۇ» دېدى.

ئىتالىيەلىك مۇخبىر لورېنزو ئاگوستىنو، بۇ ھەپتە غەززەگە قاراپ يولغا چىققان «يەر شارىۋى سۇمۇد فىلوتى» كېمىلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن قانۇنسىز تۇتۇپ قېلىنغاندا ئۆزىنى «ھەقىقىي رەھىمسىزلەر ماكانىدا» ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاگوستىنو ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئايروپىلان بىلەن ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن سۆزىدە، ئۆزى ۋە باشقا يولۇچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ۋە «ھاقارەتلىك» شارائىتقا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاندىن ئۇلار بىزنى قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقتى، قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، ئۇلار تېررورلۇق گۇرۇپپىسىدەك ھەرىكەت قىلدى. دېمەكچىمەنكى، كىشىلەرنى ئۇرۇپ تەپتى. بىز ئىككى كۈندىن ئارتۇق سۇسىز قالدۇق. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ھەر بىرىمىزنى خورلاشنىڭ ھەر قانداق پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىدى»

ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈركىيە ھاۋا يوللىرى ئايروپىلانى بىلەن يېتىپ كەلگەن «يەر شارىۋى سۇمۇد فىلوتى» پائالىيەتچىلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇل ئايرودرومىغا نۇرغۇن ساندا خەلق توپى يىغىلغان بولۇپ، پائالىيەتچىلەر تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىندى.

بىر تۈرك پائالىيەتچى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «يەر شارىۋى سۇمۇد فىلوتى» نى قوللىغانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، TRT World قانىلىغا: «بىز مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق؛ بىز ئىسرائىلىيەنىڭ ئىنسانىيەتكە خىلاپ قورشاۋىنى بۇزۇپ تاشلىدۇق ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ قانچىلىك زالىم ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتۇق. بۇ بىزنىڭ نىشانلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى، بىز ئۇتۇق قازاندۇق» دېدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان پائالىيەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىپ، ئۇلارنىڭ جاسارىتى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى ماختىدى.

ئۇ يەنە قېپقالغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ تېزدىن قايتىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

خاقان فىدان بۇ جاسارەتلىك كىشىلەرنىڭ زۇلۇمغا قارشى شەرەپلىك بىر مەيداندا تۇرۇپ، ئادالەت ۋە ئىنسانىي قىممەت قاراشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق مەزلۇملارنىڭ ئاۋازىغا ئايلانغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Global Sumud Flotilla activists reach Türkiye's Istanbul

تۈركىيەگە بولغان مىننەتدارلىق

«يەر شارىۋى سۇمۇد فىلوتى» دا بولغان فرانسىيەلىك پائالىيەتچى ياسىن بېنجېللۇن، نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇش جەريانىدا ئىسرائىلىيەنىڭ رەھىمسىز ۋە خورلاش خاراكتېرلىك مۇئامىلىسىنى تەسۋىرلىدى.

ئۇ ئىسرائىلىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەگە مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ بىرى ئىدى.

بېنجېللۇن ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ (ئىسرائىلىيە) بىزگە قىلغان مۇئامىلىسى شۇكى، ئۇلار دورىغا ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭمۇ دورا ئىچىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى. ئۇلار بىزگە 32 سائەتتىن كېيىن ئاندىن ئىچىشكە بولىدىغان سۇ بەردى. يېمەكلىكىمىز يوق دېيەرلىك ئىدى. بىز سەھەر سائەت 3 تە ئىتلار ۋە مەرگەنلەرنىڭ ھۇجرىلىرىمىزغا كىرىپ، ھەر ئىككى سائەتتە بىر ئويغىتىشى بىلەن ئويغىنىپ كېتەتتۇق، بۇ بىزنىڭ ئۇخلىشىمىزنى توسۇش ئۈچۈن ئىدى»

«ئۇلار بىزگە شۇنداق قىلىدى، بۇ بىزنىڭ ئۇلارنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىزغا يېتەرلىك»

بېنجېللۇن ئۇلارنىڭ بىخەتەر قايتىپ كېلىشىگە ياردەم بەرگەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

«بۈگۈن قىلغانلىرى ۋە بىزنى ئۆيىمىزگە ساق-سالامەت ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك»

ئىزدىنىڭ
گۇتېررېس ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ترامپ: «ھەقىقىي كېلىشىم» ئىجرا قىلىنغۇچە ئامېرىكا ئىران ۋە ئەتراپىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
شىمالىي كورېيە 7 گېكتارلىق دائىرىنى «كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيدىغان» بومبىسىنى سىناق قىلدى
ترامپ «ئىراندا ھاكىمىيەت ئالماشتى» دەۋاسىدىن كېيىن، ئىران بىلەن ھەمكارلىق سىگنالى بەردى
ھىزبۇللاھ لىۋانغا قارىتىلغان ئەڭ يېڭى ھۇجۇملارغا جاۋابەن ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىغا راكېتا ھۇجۇمى قىلدى
ئىسرائىلىيە ترامپنىڭ كېلىشىمىنىڭ لىۋاننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى نېتانياھۇنى: «سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتىن مەغلۇپ» بولۇش بىلەن ئەيىبل
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى بىر دوختۇرخانا ئەتراپىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
شەهباز شەرىف: «ئامېرىكا بىلەن ئىران ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە كېلىشتى» دېدى
ترامپ ئىران بىلەن ئۇرۇش توختاتتى ۋە ئامېرىكانىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىكى رولىنى تەكىتلىدى
خاقان فىدان بىلەن ئىسھاق دار ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى مۇزاكىرا قىلدى
ئىران: ئامېرىكا 10 ماددىلىق تىنچلىق تەكلىپىنى «پىرىنسىپ جەھەتتىن» قوبۇل قىلدى
ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدىكى نېفىت خىمىيە زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ ئايرودۇرۇملىرى ۋە شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى
ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى يېنىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى