داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
مەدەنىيەت
2 مىنۇت ئوقۇش
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىداتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى 17-ئەسىردىكى دېڭىز تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.
00:00
ئوسمانلى كېمىسى / AP

داتچانىڭ غەربىي جەنۇب دېڭىز قىرغىقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چۆكۈپ كەتكەن قىزلان ئوسمانلى كېمىسىنى تەكشۈرۈشتە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە تەۋە مۇھىم بۇيۇملار قېزىۋېلىندى. بۇ بۇيۇملار كېمە چۆكۈپ كەتكەن مەزگىل ۋە دېڭىز تارىخى ھەققىدە مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، قېزىش دوكۇز ئەيلۈل (9-سېنتەبىر) ئۇنىۋېرسىتېتى سۇ ئاستى تەتقىقات مەركىزى (SUDEMER) تەرىپىدىن كۆك مىراس تۈرى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

بۇ يىلقى قېزى تەكشۈرۈش جەريانىدا، كېمىنىڭ قايسى كېمە ئىكەنلىكى ۋە چۆكۈپ كەتكەن ۋاقتى توغرىسىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ بايقاشلار يەنىچەرىلەرنىڭ 14 مىلتىقى، تەخمىنەن 2500 قوغۇشۇن ئوق ۋە پارتلىغان توپ ئوقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار كېمىنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، خىتايدا ئىسلام بازىرى ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كۆك رەڭلىك فارفور قاچا-قۇچىلار، بۇ كېمىنىڭ ئالاھىدە ۋەزىپە ياكى دىپلوماتىك ۋەزىپە ئۆتىگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. فارفور قاچا-قۇچىلارنىڭ ئورالغان ھالدا بايقىلىشى ئۇلارنىڭ بەلكىم سوۋغات بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

خىزمەتچىلەر ۋە ئەسكەرلەرگە ئائىت دەپ قارالغان شەخسىي بۇيۇملارمۇ قېزىۋېلىندى. بۇلار پىپولار، ياغاچ تاغاقلار، مىس قازانلار، ساپال قاچا ۋە لوڭقا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۇنىسنىڭ دجېربا رايونىغا ئائىت ساپال بۇيۇملارنىڭ بولۇشى، بۇ كېمىنىڭ شىمالىي ئافرىقادىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

چۆكۈپ كەتكەن قىزلان كېمىسى، تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە يەنىچەرى ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ ماڭغان ئوسمانلى كېمىسىنىڭ قالدۇقلىرىنى تېپىش نۇقتىسىدىن تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

كېمىنىڭ بايراق خادىسىنىڭ  بىر قىسمى تېپىلدى، بۇ كېمىنىڭ ياسىلىش تېخنىكىسىغا ئائىت قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بارلىق ئىسپاتلار پاراخوتنىڭ 17-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۇرۇشتىن كېيىن چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

قېزىش خىزمىتىنىڭ 2025-يىلغىچە تاماملىنىدىغانلىقى ۋە بۇ بايقاشلارنىڭ ئوسمانلى دېڭىز تارىخىغا ئائىت يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز