خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ۋېنېسۇئېلا، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قارشى بومبا ھۇجۇمى پىلانىنى توسۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى
مادۇرو، ئامېرىكا بىلەن بولغان جىددىيلىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا پارتلاتقۇچ ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان يەرلىك بىر گۇرۇپپىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ۋېنېسۇئېلا، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قارشى  بومبا ھۇجۇمى پىلانىنى توسۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى
ۋېنېسۇئېلا، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قارشى بومبا ھۇجۇمى پىلانىنى توسۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى / Reuters

ۋېنېسۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ يەرلىك تېرورچىلارنىڭ كاراكاستىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا پارتلاتقۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان بىر «يالغان بايراق» سۇيىقەستىنى توسۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

مادۇرو دۈشەنبە كۈنى ھەپتىلىك تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا، كىملىكىنى ئاشكارىلىمىغان ئىككى مەنبەنىڭ «يەرلىك بىر تېرورلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ كاراكاستىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا پارتلاتقۇچ ئۈسكۈنە ئورۇنلاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا بىرلىككە كەلگەنلىكى» نى بىلدۈرگەنلىكىنى ئىپادىلىدى. ئۇ بۇ ئۇرۇنۇشنىڭ ۋېنېسۇئېلا بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋېنېسۇئېلانىڭ دىئالوگ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى خورخې رودرىگۇز، ئىلگىرى كاراكاسنىڭ ۋاشىنگتوننى «ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا پارتلاتقۇچ ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان» ئاشقۇن گۇرۇپپىلار ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

رودرىگۇز ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ قوغداش دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى «بىز بۇ دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتۇق» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىدى.

مادۇرو بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بولغان بارلىق ئىختىلاپلىرىمىزغا قارىماي» ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ داۋاملىق قوغدىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كاراكاس بىلەن ۋاشىنگتون 2019-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئەلچىخانا كۆپىنچە يەرلىك خىزمەتچىلەردىن باشقا قۇرۇق ھالەتتە تۇرماقتا.

زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى توغرىسىدىكى جىددىيچىلىك

مادۇرو ۋاشىنگتوننى زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى تاجاۋۇزچىلىققا باھانە قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇ: «ئىمپېرىيالىستلار زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنى ھەربىي كۈشكۈرتۈشنىڭ باھانىسى قىلماقچى» دېدى.

ئامېرىكا ۋېنېسۇئېلانى زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندۇردى، ئەمما دۆلەتكە كىرگەن زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى مېكسىكىدىن كېلىدۇ ياكى ئامېرىكىغا مېكسىكا ئارقىلىق يېتىپ كېلىدۇ.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كارىب دېڭىزىغا ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتىپ، ۋاشىنگتوننىڭ ئامېرىكاغا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇۋاتىدۇ دەپ ئەيىپلىگەن ۋېنېسۇئېلا دېڭىز قىرغىقىدىكى كېمىلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا رۇخسەت قىلغان. بۇ جەرياندا ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك توشۇۋاتىدۇ دېگەن كېمىلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھازىرغىچە كەم دېگەندە 21 كىشى قازا قىلغان.

ترامپ يەكشەنبە كۈنى ۋىرگىنىيەدە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دېڭىزچىلىرىغا قىلغان سۆزىدە: «بىز زەھەرلىك چېكىملىكنى ئىلگىرى ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغان دەرىجىدە توختىتىۋاتىمىز» دېدى.

مادۇرو بولسا ئامېرىكانىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ «ھاكىمىيەت ئۆزگەرتىش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump says US struck another Venezuela boat, hints at military land action

دىپلوماتىك پەرق چوڭقۇرلاشماقتا

بۇ ئۆزگىرىشلەر «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ترامپنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى رىچارد گرېنېلغا، مادۇرونىڭ ھاكىمىيەتتىن ۋاز كېچىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن دىپلوماتىك ئالاقىنى توختىتىشقا بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلىشى بىلەن يۈز بەردى.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي ئىمكانىيەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقاننلىقىنى ئېيتتى.

ۋاشىنگتون مادۇرونىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۈچۈن 50 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىشنى ۋەدە قىلىپ، ئۇنى زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھلىرى ۋە جىنايى تورلار بىلەن ئالاقىسى بار دەپ ئەيىبلىمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا