تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە مۇساپىمىز قانۇن دائىرىسىدە داۋاملاشماقتا
ئەردوغان تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تولۇق قورال تاشلىشى ئەمەلگە ئېشىپ، تەكشۈرۈپ دەلىللەش خىزمەتلىرى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئاندىن يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان: تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە مۇساپىمىز قانۇن دائىرىسىدە داۋاملاشماقتا
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان تۈركىيەگە قايتىش سەپىرىدە ئايروپىلاندا جەنۇبىي كورېيە زىيارىتىنى خۇلاسىلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جەنۇبىي كورېيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىش سەپىرىدە، ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

مۇخبىرلارنىڭ ئامېرىكادىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام نەتىجىسىنىڭ تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن ئەردوغان: «سايلام نەتىجىسىنىڭ ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ نەتىجىلەرنىڭ رايونىمىز ۋە دۇنيا سىياسىتىگىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تارىخىي يىلتىزغا ۋە پۇختا ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز رايونىمىزنىڭ بالدۇرراق تىنچلىققا ئېرىشىشىنى خالايمىز. سايلام نەتىجىسىنىڭ رايونىمىزدا ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق شۇنداقلا مۇقىملىق ئورنىتىشقا تۆھپە قوشۇشى بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز. بۇ مەقسەتتە، بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى بىلەن بولغان يېقىن سۆھبىتىمىزنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

«دۆلىتىمىزنى تېررورلۇقتىن خالىي كەلگۈسىگە ئېلىپ بارىمىز»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە» مۇساپىسىدە توختاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن – كۆرۈلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «شۇنى ئالدى بىلەن ئېيتىشىم كېرەككى، تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە قۇرۇش مۇساپىمىز قانۇندا بەلگىلەنگەن دائىرىدە كەسكىن داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن ئارقىغا چېكىنىشىمىز ھەرگىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. بىز بۇ جەرياننى ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىۋاتىمىز.» دېدى.

ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى:

«تېررورچىلارنىڭ تولۇق قورال تاشلىشى ئەمەلگە ئېشىپ، تەكشۈرۈپ دەلىللەش جەريانلىرى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ئاندىن بىز يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويىمىز. مۇشۇنداق زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ھەرقانداق قەدەمنى ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن بېسىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىزمۇ دەل مۇشۇ جەرياننى پۇختا باشقۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز.

دۆلىتىمىزنى ھەممىمىز بىرلىكتە تېررورلۇقتىن پۈتۈنلەي خالىي بولغان بىر كەلگۈسىگە ئېلىپ بارىمىز. ئوڭدىن ياكى سولدىن، قەيەردىن قانداق ئاۋاز چىقىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز ئۇلار يوشۇرۇنغان ئۆڭكۈرلەرنىڭ ھەممىسىنى تازىلاپ، تېررورلۇقنىڭ پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقانلىقىنى خۇدا بۇيرۇسا ھەممىمىز بىرلىكتە كۆرىمىز ۋە شۇ گۈزەل كۈنلەردە ياشايمىز.»

ئىزدىنىڭ
تەيۋەن: خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرى ئارال ئەتراپىدا 19 قېتىم ئۇچتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ باردى
ئامېرىكا پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى 4-نويابىردا ئىرانغا قىلىنىدىغان ھۇجۇملار ھەققىدە ئاگاھلاندۇردىمۇ؟
سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتە تارىخىي سۇلەيمانىيە تەككىسى رېمونت قىلىنىپ قايتىدىن ئېچىلدى
قاتىل نېتانياھۇغا قارشى پارلامېنتتا كۈچ بىرلىكى
ھامانېي: «ھۇجۇملارغا جۇغراپىيەلىك چەك – چېگرا تونۇمايدىغان شىددەتلىك جاۋاب قايتۇرۇلسۇن»
روسىيە ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن كىيېۋ ۋە دىنىپروپېتروۋسك رايونلىرىدا تەخمىنەن 280 مىڭ ئائىلە توكسىز قالدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىمىز يوق»
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي غەززەدە 3 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
مىنىستىر فىدان: «خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز»
تۈسەب (TÜSEB) ئەزىز سانجار ئىلىم-پەن، خىزمەت ۋە ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى
ئوكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا
ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى بەردىمۇھەممەدوۋغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەردى
تۈركىيە فەرىدۇن سىنىرلىئوغلۇنى ب د ت باش كاتىپلىقىغا نامزات كۆرسەتتى
فىدان ئامېرىكادا ماركو رۇبىيو بىلەن كۆرۈشۈپ، تۈرلۈك دىپلوماتىك سۆھبەتلەردە بولدى