سۈرىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «سانا» نىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ھاما ۋىلايىتىدە تېخىچە كىملىكى ئېنىقلانمىغان بىر تۈركۈم قوراللىق ئۇنسۇرلار بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. بۇ قېتىملىق ۋەقەدە 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلغان.
تەۋسىيە
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنلا، دائىرىلەر ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاپ چىقىش ۋە ئۇلارنى جىددىي تۇتۇش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، كەڭ كۆلەملىك ئىزدەش ۋە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىۋەتكەن.


















