ترامپ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا تارقىتىش ئىجازەتنامىسىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت سالدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى، ئۆز پىرېزىدېنتلىق دەۋرىگە «بىر تەرەپلىمىلىك» بىلەن مۇئامىلە قىلىنغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ABC ۋە NBC نىڭ تارقىتىش ئىجازەتنامىسىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

/ AA

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئاساسلىق تېلېۋىزىيە تورلىرىنى بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن خەۋەر تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ تارقىتىش ئىجازەتنامىلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ترامپ ئۆزىگە تەۋە بولغان، باش ئىشتابى ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «Truth Social» دا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ABC  ۋە NBC تېلېۋىزىيەلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ پىرېزىدېنتلىق دەۋرىگە ئائىت خەۋەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى سەلبىي مەزمۇندا تارقاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ئۇچۇرىدا مۇنداق دەپ يازدى: «ناھايىتى يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە بولغان ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ نەزىرىدە پىرېزىدېنتلىق تارىخىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك سەككىز ئاينىڭ بىرىنى باشتىن كەچۈرگەن بولساممۇ، تارىختىكى ئەڭ ناچار ۋە ئەڭ بىر تەرەپلىمە بۇ ئىككى تېلېۋىزىيە تورى بولغان ABC ۋە NBC ماڭا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلىرىنىڭ %97 ىنى سەلبىي مەزمۇندا تارقاتتى.»

ترامپ يەنە بۇ ئورگانلارنىڭ «دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ بىر تارمىقىدەك» ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا فېدېراتسىيە ئالاقە كومىتېتى (FCC) تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ ئىجازەتنامىلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە: «مەن بۇنى تولۇق قوللايمەن، چۈنكى ئۇلار شۇ قەدەر بىر تەرەپلىمە ۋە غەيرىي سەمىمىي خەۋەر تارقىتىۋاتىدۇكى، بۇ ئەھۋال دېموكراتىيەمىز ئۈچۈن ھەقىقىي تەھدىتتۇر!!!» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ترامپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرىدە ئاساسىي ئېقىمدىكى تاراتقۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىنى «يالغان خەۋەر» دەپ ئاتاپ، ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە.