خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكانىڭ تىكتوك پىلانى ئالگورىزىمنىڭ كونتروللۇقىنى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزىۋېلىشتۇر
ئاق ساراينىڭ تىكتوك پىلانى ئالگورىزىمنىڭ كونتروللۇقىنى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزىۋېلىشتۇر. خىتاي بۇنىڭغا يول قويامدۇ؟
ئامېرىكانىڭ تىكتوك پىلانى ئالگورىزىمنىڭ كونتروللۇقىنى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزىۋېلىشتۇر
ئامېرىكانىڭ تىكتوك پىلانى ئالگورىزىمنىڭ كونتروللۇقىنى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزىۋېلىشتۇر / Reuters

ماتبۇئات باياناتچىسى كارولىن لېۋىت ئامېرىكالىق تىكتوك ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ بۇلۇت سۇپىسى ئوراكلېدا (Oracle) ساقلىنىدىغانلىقىنى، مۇدىرىيەتتىكى يەتتە ئورۇننىڭ ئالتىسىنىڭ ئامېرىكالىقلارغا تەۋە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئاق ساراي شەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، خىتاي بىلەن شەكىللەنگەن تىكتوك كېلىشىمىنىڭ، ئەپنىڭ سىن ئېقىمىنى باشقۇرىدىغان ئالگورىزىمنىڭ كونتروللۇقىنى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىدىكى تىجارەتلىرىنى نازارەت قىلىدىغان مۇدىرىيەتتە كۆپ سانلىقنىڭ ئامېرىكالىقلاردىن تەشكىللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشتا نېگىزلىك سوئاللارنىڭ بىرى، داڭلىق ئىجتىمائىي سىن سۇپىسىنىڭ خىتاي ئانا شىركىتى بايتدانسنىڭ (ByteDance) شىركەتنى قولدىن چىقىرىشى مۇمكىن بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ئالگورىزىمنى ساقلاپ قالالىشى ياكى قالالماسلىقى بولدى.

قۇرۇلتاي تىكتوكنى چەكلەش قانۇنىنىڭ يانۋاردا يولغا قويۇلۇشىنى كئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇننى ماقۇللىغان بولسىمۇ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بايتدانسنىڭ ئامېرىكادىكى تىجارەتلىرىنى سېتىش ئۈچۈن كېلىشىم ئىزدەۋاتقان بىر پەيتتە، تىكتوكنىڭ دۆلەتتە داۋاملىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويىدىغان بىر قانچە قارارنى ئىمزالىدى.

ئاق ساراي ماتبۇئات باياناتچىسى كارولىن لېۋىت، تېخنىكا گىگانت شىركىتى ئوراكلېنىڭ ئەپنىڭ سانلىق مەلۇماتى ۋە بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى، پىلانلانغان مۇدىرىيەتتىكى يەتتە ئورۇننىڭ ئالتىسىنىڭ ئامېرىكالىقلارغا تەۋە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

لېۋىت فوكىس خەۋەرلىرىنىڭ «ئامېرىكىدىكى شەنبە» پىروگراممىسىدا قىلغان سۆزىدە: «بىز كېلىشىمنىڭ تاماملىنىدىغانلىقىغا %100 ئىشىنىمىز، ھازىر قىلىشقا تېگىشلىك بىردىنبىر ئىش بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىدۇر ۋە پىرېزىدېنتنىڭ خىزمەت ئەترىتى دەل مۇشۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن خىتايلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى، ترامپ ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تىكتوك كېلىشىمى ھەققىدە ئۇزۇن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

لېۋىت: «ئالگورىزىممۇ ئامېرىكا تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ» دېيىش ئارقىلىق، ھېچ بولمىغاندا ئاق ساراينىڭ نەزىرىدە كېلىشىمنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئامېرىكالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۆچرەتتە تۇرغانلىقىنى ۋە خىتاي رەھبىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە «ئالىيجانابلىق» بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئېيتتى. جۇمھۇرىيەتچى پىرېزىدېنت ئالگورىزىمنى خىتاينىڭ كونترول قىلىش-قىلماسلىقى توغرىسىدىكى ھالقىلىق سوئالغا ئېنىق جاۋاب بەرمىدى.

ترامپ: «ھەممە ئىش ھەل بولۇۋاتىدۇ» دېدى ۋە «بىز ناھايىتى ياخشى كونتروللۇققا ئىگە بولىمىز» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ چەكلىمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تىكتوكنىڭ خىتاي ئانا شىركىتىنىڭ كونترول پېيىنى سېتىشقا شى جىنپىڭنىڭ نېمىنى تەستىقلىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلمىدى.

لېۋىت كېلىشىمنىڭ يېقىندا مۇقىملىشىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى. ماتبۇئات باياناتچىسى: «ھازىر بىز قىلىدىغان بىردىنبىر ئىش بۇ كېلىشىمنى ئىمزالاش» دېدى ۋە «مەن بۇنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ئەمەلگە ئېشىشىنى مۆلچەرلەيمەن» دېگەننى قوشۇمچە قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US has a deal with China, buyer for TikTok: Trump

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى