سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: كونگو-رىۋاندا تىنچلىق كېلىشىمى ئافرىقا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
دونالد ترامپ كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن رىۋاندا ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.
ترامپ: كونگو-رىۋاندا تىنچلىق كېلىشىمى ئافرىقا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
ترامپ: كونگو-رىۋاندا تىنچلىق كېلىشىمى ئافرىقا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم / AP

ترامپ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشنىڭ كېلەر ھەپتە ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان رەسمىي ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋاشىنگتوندا كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن رىۋاندا ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە قىلىنغان تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنىشىدا ئۆزىنىڭمۇ تۆھپىسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى، ھەمدە بۇ تىرىشچانلىقلىرى سەۋەبىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئالالمايدىغانلىقى ئۈچۈن نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۆزئارا توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى ئافرىقا دۆلىتى چارشەنبە كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېلىشىم لايىھەسى تەييارلىغانلىقلىرىنى، بۇ كېلىشىمنىڭ كېلەر ھەپتە ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا رەسمىي ئىمزالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«بۇ كېلىشىم ئافرىقا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. راستىنى ئېيتقاندا، دۇنيا ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم.»

لېكىن ترامپ نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەم ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ھەم سېربىيە بىلەن كوسوۋو ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىكلەردە مۇرەسسەچىلىك رولى ئوينىغانلىقىنى كۆرمەسكە سالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇنىڭدىن باشقا، مىسىر بىلەن ئېفىيوپىيە ئوتتۇرىسىدا «تىنچلىقنى ساقلاش» ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن نۇرغۇن ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئابراهام كېلىشىملىرىنى مۇزاكىرە قىلىش مەسىلىسىدىكى تۆھپىلىرىنىڭمۇ قەدىرلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.

ترامپ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ۋە غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تېز سۈرئەتتە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ماھارىتىنى ئىشلىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ھەمدە «تىنچلىق ئەلچىسى» سۈپىتىدە پىرېزىدېنتلىق سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ پىرېزىدېنتلىقىنىڭ بەشىنچى ئېيىدا بۇ ئىككى توقۇنۇش ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا.

ھىندىستان دائىرىلىرى پاكىستان بىلەن ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە ترامپنىڭ رولى بارلىقىنى رەت قىلدى. لېكىن ئىسلامئاباد ترامپنىڭ رولىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە ئۇنى 2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتتى.

 ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىمزا مۇراسىمى

 

پىرېزىدېنت ترامپ كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بىلەن رىۋاندا دائىرىلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئىمزا قويۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا كېلىشىمنىڭ 27-ئىيۇن كۈنى ئىمزالىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تەبىئىي بايلىقلارغا باي شەرقىي كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى رىۋاندا چىگراسىغا جايلاشقان بولۇپ، تەخمىنەن 30 يىلدىن بۇيان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى رىۋاندانى زىلزىلىگە سالماقتا. بۇ رايوندىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ھۆكۈمەتكە قارشى M23 قوراللىق گۇرۇھىنىڭ 2021-يىلنىڭ ئاخىرلىرى تەكرار ھۇجۇمغا ئۆتۈشى بىلەن تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتتى.

تەرەپلەر ۋاشىنگتوندا ئۇدا ئۈچ كۈن داۋاملاشقان ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن، ئاپرېل ئېيىدا ئىمزالانغان پىرىنسىپلار باياننامەسىگە ئاساسەن كېلىشىم ھاسىل قىلدى.

تىرامپ كۆپ يىللاردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان قوللىغۇچىلىرى ۋە ئۆزىگە يېقىن پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلدى. بۇ داڭلىق مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن بىئاراملىقىنى يوشۇرمىغان ترامپ، 2-ئايدا ئاقسارايدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىنى يەنە ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

 ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا 2009-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەن ئىدى. ترامپ يەنە 2024-يىلدىكى سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى داۋامىدىمۇ ئۆزىدىن بۇرۇنقى پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ مۇكاپاتقا لايىق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى