مالدىۋې ئاراللىرى دۇنيادىكى تۇنجى ئەۋلادلار ئارا تاماكا چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويدى
      
      مالدىۋې ئاراللىرى كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ۋە چېكىشنى چەكلەيدىغان تارىخىي بىر قانۇننى يولغا قويدى.  مالدىۋې سەھىيە مىنىستىرلىقى بۇ قانۇننى شەنبە (1-نويابىر) كۈنى جاكارلىدى.
      
      
        
        
      
      
      
        
        
        مالدىۋېدا 2007-يىلى 1-يانۋار ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن تۇغۇلغان ھەر قانداق ئادەمگە تاماكا سېتىش-سېتىۋېلىشنى چەكلەيدىغان قانۇن چىقىرىلدى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters
       
      
      
        مالدىۋې ئاراللىرىنىڭ 2007 -يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن تاماكا سېتىشنى ۋە چېكىشنى چەكلەيدىغان يېڭى قانۇنى «تاماكىدىن خالىي بىر ئەۋلاد» يارىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
يېڭى قانۇن بويىچە، 2007-يىلى 1-يانۋار ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن تۇغۇلغان ھەر قانداق ئادەمنىڭ تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشى، چېكىشى ياكى ئۇلارغا بۇ مەھسۇلاتلارنى سېتىشى مەڭگۈلۈك چەكلەندى. بۇ قانۇن ماي ئېيىدا پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇئىززۇ تەرىپىدىن تەستىقلانغان بولۇپ، «تاماكىدىن خالىي بىر ئەۋلاد» يارىتىشنى نىشان قىلىدۇ ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى ساغلاملىقنى قوغداشتىكى ئىرادىسىنى نامايان قىلىدۇ.
 
مالدىۋې سەھىيە مىنىستىرلىقى: «بۇ تاماكا چەكلەش قانۇنى ياش مالدىۋېلىقلارنىڭ تاماكىنىڭ ئەجەللىك تەسىرىدىن يىراق چوڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئېتىلغان جاسارەتلىك بىر قەدەم بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تاماكىنى كونترول قىلىش رامكا ئەھدىنامىسىدىكى مەجبۇرىيەتلەرگە ماس كېلىدۇ» دېدى.
مالدىۋېدا پارچە ساتقۇچىلار تاماكا سېتىشتىن بۇرۇن سېتىۋالغۇچىلارنىڭ يېشىنى دەلىللەشكە مەجبۇر.  تاماكا چەكلەش قانۇنى  بارلىق تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مالدىۋې ئاراللىرىنىڭ ئېلېكترونلۇق تاماكا ۋە ھور تارتىش مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق چەكلىمىلىرى بار. بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش، سېتىش، تارقىتىش ۋە ئىشلىتىش بارلىق ياش گۇرۇپپىلىرى ئۈچۈن چەكلەنگەن.