سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
گېرمانىيە: خىتاي قىزىل دېڭىزدا ئايروپىلانىمىزنى لازېر نۇرى بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلدى
بېرلىن خىتاي پاراخوتىنىڭ قىزىل دېڭىزدا گېرمانىيە ئايروپىلانىنى لازېر نۇرى بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
گېرمانىيە: خىتاي قىزىل دېڭىزدا ئايروپىلانىمىزنى لازېر نۇرى بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلدى
گېرمانىيە: خىتاي قىزىل دېڭىزدا ئايروپىلانىمىزنى لازېر نۇرى بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلدى / AP

بېرلىن سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ قىزىل دېڭىزدا دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى يېتەكچىلىكىدىكى ۋەزىپىگە قاتناشقان گېرمانىيە ئايروپىلانىنى لازېر نۇرى بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«گېرمانىيە خادىملىرىنى خەتەرگە دۇچار قىلىش ۋە ھەربىي ھەرىكەتنى ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىتىش  قىلمىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.

بېيجىڭنىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىسىمۇ سۆھبەتكە چاقىرىلدى.»

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېرمانىيە ئايروپىلانىنىڭ قىزىل دېڭىزدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ Aspides ئەترىتىگە قاتنىشىۋاتقاندا «ھېچقانداق سەۋەبسىز ياكى ئالدىنئالا ئالاقىلاشمايلا» ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي پاراخوتىنىڭ «(گېرمانىيە) خادىملىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى خەتەرگە دۇچار قىلىش خەۋپىگە تەۋەككۈل قىلغانلىقىنى» بىلدۈردى.

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ ۋەقەدىن كېيىن گېرمانىيە ئايروپىلانىنىڭ ۋەزىپىسىنى تاشلاپ، جىبۇتىدىكى بىر بازىغا قايتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Germany's economic growth forecast cut to zero

لازېر نۇرىنىڭ قورال ياكى لازېرلىق يۆنىلىش سىستېمىسى ئىكەنلىكى تېخى ئېنىقلانمىدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز