تەنتەربىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە كوماندىسى پۈتۈن دىققىتىنى پاراگۋاي كوماندىسىنى يېڭىشكە مەركەزلەشتۈردى
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئېچىلىش مۇسابىقىسىدە 2 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن دىققىتىنى FIFA دۇنيا لوڭقىسىنىڭ «د» گۇرۇپپىسىدىكى ئىككىنچى مۇسابىقىسىدە پاراگۋاينى يېڭىشكە يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈردى.
تۈركىيە كوماندىسى پۈتۈن دىققىتىنى پاراگۋاي كوماندىسىنى يېڭىشكە مەركەزلەشتۈردى
2026-يىلى 9-ئىيۇن، تۈركىيە كوماندىسى توپچىلىرى ئارىزوونا تەنتەربىيە مەيدانىدا 2026-يىللىق FIFA دۇنيا لوڭقىسىغا تەييارلىق قىلىش مەشىقى جەريانىدا بەدەن قىزىتماقتا. / Reuters

تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى يەكشەنبە كۈنى كانادانىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىدىكى «BC Place» تەنتەربىيە سارىيىدا ئاۋسترالىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇسابىقىسىدە سىستېمىلىق مۇداپىئە ۋە قايتۇرما ھۇجۇم تاكتىكىسىغا يولۇقۇپ 2 گە قارشى 0 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن دىققىتىنى 2026-يىللىق خەلقئارا پۇتبول فېدېراتسىيەسى (FIFA) دۇنيا لوڭقىسىنىڭ «د» گۇرۇپپىسىدىكى ئىككىنچى مۇسابىقىسىدە پاراگۋاينى يېڭىشكە  يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۈردى.

ئاي-يۇلتۇزلۇق كوماندا (تۈركىيە دۆلەت كوماندىسى) نىڭ، شۇنداقلا «ترابزونسپور» كۇلۇبىنىڭ ۋارتاچىسى ئۇغۇرجان چاقىر سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئارىزونا ئىشتاتىدىكى مەشىق لاگېرىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئاۋسترالىيەگە قارشى مۇسابىقىدە سادىر قىلىنغان خاتالىقلارنىڭ چوڭقۇر تەھلىل قىلىنغانلىقىنى ۋە بۇلاردىن ساۋاق ئېلىپ، پاراگۋايغا قارشى تېخىمۇ تەدبىرلىك ھەرىكەت قىلىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئەمەلىيەتتە تۇنجى مۇسابىقە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئەمەس ئىدى. ئالدىمىزدا يەنە ئىككى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ۋە قولغا كەلتۈرىدىغان 6 نومۇر بار. تۇنجىسى پاراگۋاي مۇسابىقىسى بولۇپ، بىز بۇ مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىپ 3 نومۇرغا ئېرىشىشنى خالايمىز. بىز ‹تۈگىدى› دېمىگۈچە ھېچقانداق ئىش تۈگىمەيدۇ.»

مۇداپىئەچى سامەت ئاقايدىنمۇ چاقىرنىڭ باياناتىنى قۇۋۋەتلەپ، تۇنجى مۇسابىقىدىكى مەغلۇبىيەتنىڭ كوماندىنى پارچىلاش ئورنىغا تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەنلىكىنى، ھەممەيلەننىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەستايىدىل مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ كوماندىغا بولغان يۈكسەك ئىشەنچىسىنى ئىپادىلەپ: «شۇنىڭغا جەزم قىلىمەنكى، پاراگۋايغا قارشى مۇسابىقىدە بۇنىڭ ئورنىنى چوقۇم تولدۇرىمىز» دېدى.

ئاقايدىن تۇنجى مۇسابىقىنىڭ ئۈمىدسىزلىك بىلەن باشلانغانلىقىغا قارىماي، مەستانىلەرنىڭ داۋاملىق قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى تەلەپ قىلىپ: «دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بىز 24 يىلدىن كېيىن دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشتۇق. ھازىر ئالدىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم پاراگۋاي مۇسابىقىسى بار. بىزنىڭ نۆۋەتتە كۈچلۈك قوللاشقا ئېھتىياجىمىز بار. بۇ كوماندا بۈگۈنگىچە ئىنتايىن زور ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. بۇ نەتىجىلەرنى دەل مەزكۇر گۇرۇپپا ياراتقان، يەنە يارىتالايدۇ. بۇ مۇسابىقىدە بىزنى قوللىشىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۆتۈنىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا، مېكسىكا ۋە كانادا ئورتاق ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان ھەمدە 48 دۆلەتنىڭ كەسكىن جېڭىگە سەھنە بولىدىغان 2026-يىللىق خەلقئارا پۇتبول جەمئىيىتى (FIFA) دۇنيا لوڭقىسى 11-ئىيۇن باشلانغان بولۇپ، 19-ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدۇ. ئاي-يۇلتۇزلۇق كوماندا گۇرۇپپىدىكى مۇھىم مۇسابىقىلىرىنى 19-ئىيۇندا پاراگۋاي بىلەن، 25-ئىيۇندا بولسا ساھىبخان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكا بىلەن ئوينايدۇ.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»