سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
پۇتىن: ئالياسكا يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشلار ئۇكرائىنادا تىنچلىققا يول ئاچىدۇ
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى «ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل» ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
پۇتىن: ئالياسكا يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشلار ئۇكرائىنادا تىنچلىققا يول ئاچىدۇ
/ AP

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئاۋغۇستتا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلغان «كېلىشىملەر» نىڭ ئۇكرائىنادا تىنچلىققا يول ئاچىدىغانلىقىنى ۋە بۇنى خىتايدىكى رايونلۇق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان رەھبەرلەر بىلەن مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پۇتىن  ۋە ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن كەلگەن رەھبەرلەر  بىرلىكتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇنبىرىگە ئىشتىراك قىلماقتا. يىغىن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەرىپىدىن تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلمەكتە.

پۇتىن مۇنبەردە قىلغان سۆزىدە: «بىز خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان تىرىشچانلىقلىرى ۋە تەكلىپلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىمىز» دېدى.

ئۇ يەنە: «ئالياسكادا ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ يېڭى رۇسىيە-ئامېرىكا سۆھبىتىدە ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشلارنىڭمۇ بۇ نىشانغا تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ترامپ بىلەن يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى شى جىنپىڭغا تەپسىلىي يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن پۇتىن، توقۇنۇشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر» ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى خىتاي رەھبىرى ۋە باشقا قاتناشقۇچىلار بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتلەردە ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «ئۇكرائىنادىكى ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك بولۇشى ئۈچۈن، كىرىزىسنىڭ تۈپ سەۋەبلىرىنى ھەل قىلىش كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

توقۇنۇشنىڭ مەنبەسىنىڭ بىر قىسمىنىڭ «غەربنىڭ ئۇكرائىنانى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) غا ئەزا قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن» كېلىپ چىققانلىقىنى تەكرارلىغان پۇتىن، تەرەپلەرنى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇردى.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاننىڭ ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىدىكى كەلكۈن سەۋەبىدىن 17 مىڭ 500 كىشى كۆچۈرۈلدى
تۈركىيە ياۋروپا پارلامېنتىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى: «تارىخىي ھەقىقەتلەر بۇرمىلانماقتا»
ئىككى كىشى تونېلدىن تىرىك قۇتقۇزۇۋېلىندى
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم قالىن ئافىنادا كەسپدىشى بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنى جازالاش لايىھەسىنى ماقۇللىدى
نېتانياھۇ: ئاساسلىق ۋەزىپىمىز ئىران ھاكىمىيىتىنى يىمىرىپ تاشلاش
نىگېرىيەدە نېفىت ئوغرىلىقى ھەرىكىتىگە قاتناشقان 43 كىشى ئۆلدى
ئىستانبۇلدا دائېش بىلەن چېتىشلىقى بار بىر تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
تۈركىيە ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇقىدا يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا چىقتى
ئامېرىكا ئونتارىيو كۆلىنىڭ نامىنى رەسمىي ئۆزگەرتتى
گىرېتسىيەدە غەربىي نىل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 290 غا يەتتى
ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكياندا بىر كېمىنى غەرق قىلدى
ئامېرىكادا ھۆكۈمەت بىلەن سوت قارىمۇ قارشى بولۇپ قالدى
رۇسىيە موسكۋاغا قاراپ ئۇچقان 37 دانە ئۇچقۇنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى