ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزاق ۋاقىتتىن بېرى كۈتۈلۈۋاتقان ئىران ھۇجۇمى، تېھراننى رەسمىي ھالدا رايونلۇق ئۇرۇشقا تارتىپ كىرگەن بولۇشى مۇمكىن.
ئۆكتەبىر ئېيىدىكى ھۇجۇملاردا، ئىراق چېگىرىسىدىكى ئىلامغا يېقىن ھاۋادىن مۇداپىئە قىلىش سىستېمىلىرى، بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىلىرى ۋە ئىلگىرى ئىراننىڭ يادرو نىشانلىرى بىلەن چېتىشلىق دەپ قارالغان، ئەمما 2003-يىلى بوشىتىلغان مۇئەسسىسەلىرى قاتارلىق ئىراننىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى بىتچىت قىلىندى.
ئىران رەسمىي مەنبەلىرى، ئىسرائىلىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇپ قېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئۇچۇر، ئىران خەلقىنىڭ بارغانسىسى ئەۋج ئېلىۋاتقان ئەندىشىلىرىنى پەسەيتىشنى مەقسەت قىلاتتى.
ئەمما ئىران ئۈچۈن خەۋپ، رايونلۇق چېگىرىدىن ھالقىپ، ھەربىي، دىپلوماتىك ۋە ئىدېئولوگىيەلىك ئامىللارغا چېتىلىشىشى ۋە ئىراننى توقۇنۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە رول ئېلىشقا مەجبۇرلىىشى ئىدى.
قانداق باشلاندى؟
ئىران رەھبەرلىرى، ھاماس باشچىلىقىدا 7-ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيەگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملارنىڭ رايونغا نىسبەتەن ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ئىران جۇمھۇر رەئىسى ئىبراھىم رەئىسى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان قاتارلىقلارنىڭ سىرلىق ئۆلۈملىرىدىن كېيىن ھېس قىلدى.
ماي ئېيىدا ئەزەربەيجاندا يۈز بەرگەن تىكئۇچار قازاسىدا ئىككى مەسئۇلنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى ئىراندىكى سىياسىي مەركەزلەرنى نۇرغۇن پەرەزلەرگە مۇبتىلا قىلدى.
ھۆكۈمەت قازانىڭ ھاۋا شارائىتىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، ئىراندىكى نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەدە قولى بارلىقىغا ئىشەندى.
بۇ گۇمان، ئىران رەھبەرلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ يوشۇرۇن مۇداخىلىسىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئىراننى ئۇرۇشقا تارتىپ كېرىش ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئومۇملاشقان ئىشەنچنى قىزىتىشقا باشلىدى.
ئەمما ئىرانلىق مەسئۇللار بۇنى جەمئىيەتكە ئېنىق ئىزاھلاشھتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى. چۈنكى رەسمىي بىر ئەيىبلەشنىڭ ئىراننى جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىدىن ئەنسىرەيتتى.
«ئالدىنقى سەپ مۇداپىئە سىياسىتى»
ئىرانلىق رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكىلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىدە سۆھبەتلەردە، تېھراننىڭ رەئىسيىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن دۆلەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە بۇ ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي داۋالغۇشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېزراق سايلام ئۆتكۈزۈشنىڭ كويىغا چۈشكەنلىكى مەلۇم.
ئىران رەئىسيىنىڭ ئۆلۈمىدىن 40 كۈن كېيىن پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولدى ۋە ئىيۇل ئېيىدا مەسئۇد پەزەشكىياننى ۋەزىپىگە ئېلىپ كەلدى. ئەمما، ھەيران قالارلىق يېرى، بىرقانچە ھەپتىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ھاماس سىياسىي رەھبىرى ئىسمائىل ھانىيەنى ئىراننىڭ ئەڭ بىخەتەر رايونلىرىدىن بىرىدە، يەنى تېھراننىڭ قەلبىدە شېھىت قىلدى.
بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇزۇندىن بېرى باشقا رايونلۇق ئاكتىيورلارنى قوللاپ بىۋاستە توقۇنۇشقا كىرمىگەن ئىران، ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۇسۇلىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.
ئىران - ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىگە تۇتۇشىدىغان تارىخىي رەقىبلىرى ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكاغا قارشى تەڭپۇڭلۇق ئورنىتىش مەقسىتىدە ئىران سىرتىدىكى ۋەكىل ھەربىي كۈچلەرنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، «ئالدىنقى سەپ مۇداپىئە» سىياسىتىدىن ۋاز كېچىشكە شۇنداقلا يېڭى يوللارنى ئويلىششقا باشلىدى.
ئىرانلىق مەسئۇللار بىلەن يېقىن ئالاقىسى بولغان مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، دىنىي رەھبەر ئەلى ھامانىي ۋە مەسلىھەتچىلىرى، ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ مەۋجۇت تۇقۇنۇشنى بىۋاستە ئىران زېمىنىغا كېڭەيتىشكە تىرىشىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلمىگەن ئىدى.
ئىرانلىق مەسئۇللار، «ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ ۋە سۈرىيەدىكى ھەربىي قانىتى بىلەن ئىراقتىكى ئىران قوللاۋاتقان شىئە قوراللىقلىرى قاتارلىق ۋەكالەتچى كۈچلەر بىلەن چەكلىنىدۇ» دەپ پەرەز قىلىشقان ئىدى. ھېچ بىرى ئىران زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىنىشىنى كۈتمىگەن ئىدى.
ئىران، ھىزبۇللاھقا ئىسرائىلىيە بىلەن بىۋاستە توقۇنۇشتىن ساقلىنىش، بۇنىڭ ئورنىغا ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىي چېگىراسىنى نىشان قىلغان ئۇپرىتىش ئۇرۇشى قىلىش يوليورۇقى بەرگەن ئىدى.
ئەمما بۇ پوزىتسىيە ئۆتكەن ئايدا ھىزبۇللاھ باش سېكرېتارى ھەسەن نەسراللاھنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە لىۋان بىلەن سۈرىيەدىكى چاقىرغۇ ئۈسكۈنىلىرى ھۇجۇملىرىنىڭ ئىراندا غەزەپ قوزغىشى بىلەن ئۆزگەردى.
چۈنكى پەقەت ۋەكالەتچى كۈچلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن نوپۇزغا ئېرىشىشكە ئىشەنچ باغلاش، ئىراننىڭ رايوندىكى ئورنىنى ئاجىزلاشتۇرىشى ۋە رايوندا ئاجىز بىر ئاكتىيور بولۇپ كۆرۈنۈشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىدى.
ئۇرۇش مەيدانىغا
ئىران، ئىسرائىلىيەگە قارىتا رايونلۇق توقۇنۇشتا بىۋاستە رول ئېلىشنى ئېنىق ئېلان قىلماستىن، ھەرىكەت پىلانىنىڭ مەشرۇئىيىتىنى جەزملەشتۈرۈش مەقسىتىدە رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق ئىتتىپاقداشلىرىدىن دىپلوماتىك قوللاشقا ئېرىشىكە تىرىشتى.
سېنتەبىر ئېيىدا، رايوننىڭ سەيرىنى نېتانياھۇنىڭ مەقسەتلىرىگە قارشى يۆنىلىشتە قايتا شەكىللەندۈرۈش ئىددىئاسى بىلەن ئۇرۇش مەيدانىغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە يۈزلەپ بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ قىلغان دەسلەپكى ئۆچ ئېلش ھەرىكىتىدىن كېيىن، نېتانياھۇمۇ ئېزىش خاراكتېرلىق جاۋاب قايتۇرۇشقا ۋەدە قىلدى.
بۇنىڭغا قارشى، ئىراننىڭ سىياسىي سۆزلىرى، دىنىي رەھبەر ھامانىي باشچىلىقىدا، پارلامېنت ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسئۇللىرىنىڭ قوللىشى بىلەن تېخىمۇ قاتتىقلاشتى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراكچى، ئىسرائىلىيەگە جازا بېرىلىشى ئۈچۈن مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ناھايىتى ھۇجۇمچان باياناتلاردا بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئىراننىڭ چېگىرا سىرتىدا بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش قابىلىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئىران، 7-ئۆكتەبىردىن كېيىن دەسلەپتە ئوپرىتىش ئۇرۇشىنى قوللىدى ۋە ھىزبۇللاھنى بۇ ئىستراتېگىيەنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى.
ئەمما ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران زېمىنىغا كىرىشى بىلەن تېھران ئۆزىنى يېڭى بىر سىياسىي كۈنتەرتىپنىڭ ئىچىدە كۆردى. ئەمدىلىكتە رايونلۇق مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قىلىشقا ياكى پەقەت ئىتتىپاقداشلىرىغىلا تايىنىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى.
ئىران، مەۋجۇت مۇقىمسىزلىق شارائىتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ سايلام بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، بىۋاستە ھەرىكەتكە ئۆتۈش ۋە ۋەزىيەتنى قايتا شەكىللەندۈرۈش كېرەكلىكىنى سەزدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ئىران، ئىسرائىلىيەگە بىۋاستە ھەربىي رەقىب سۈپىتىدە رايوندا ئورۇن تۇتۇشنى قارار قىلدى. ئىران ھۆكۈمىتى پەقەت رايونلۇق ۋەكالەتچىلىىرىگىلا تايىنىشنىڭ يۇقىرى بەدەل ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ، زۆرۈر بولغاندا ئىسرائىلىيەنىڭ رايونلۇق تەھدىتىگە قارشى ھەم سىياسىي، ھەم ھەربىي جەھەتتىن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنىڭ ئىشارىتىنى بەردى. ھەمدە يەنە ئىرانلىق رەھبەرلەر، بىۋاستە ئۇرۇشقا كىرىشىشتىكى كېچىكىشنىڭ ئىراننىڭ رايوندىكى نوپۇزىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.
ئىراننىڭ بىۋاستە توقۇنۇشقا يېقىنلىشىشى، ئۆزىگە جاسارەت بەرگەن رۇسىيە ۋە خىتاي تەرىپىدىنمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلەندى. ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەتلىرىدىن باشقا يەنە، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىپ، ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنىڭ قۇربانلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشنىڭ، كۈتۈلمىگەن نەتىجىلەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.



















