سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ھىندىستان پاكىستانغا ھۇجۇم قىلدى
ھىندىستاننىڭ پاكىستانغا قىلغان ھۇجۇمىدا بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ھىندىستان پاكىستانغا ھۇجۇم قىلدى
Workers transport a man wounded by an Indian missile attack, at a hospital in Bahawalpur, Pakistan, on May 7, 2025. / AP

ھىندىستان تۈن بويى پاكىستان ۋە پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىردىكى شەھەرلەر ھەم جامەلەرگە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى، ھۇجۇملاردا 3 ياشلىق بىر قىز بالا، بىرقانچە ياش ۋە ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەم دېگەندە 8 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ شىددەتلىك ھۇجۇملارنىڭ بىرىدە، ھىندىستان پاكىستان ۋە پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىردىكى ئالتە نۇقتىغا بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىپ، بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەن ۋە جامەلەرگە زىيان يەتكۈزگەن. 

پاكىستان ئارمىيەسى باياناتچىسى ھىندىستاننىڭ باخاۋالپۇر، مۇرىدكە، مۇزەففەرئاباد، كوتلى، باغ ۋە شەرقىي ئەھمەدپۇر رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ رايونلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاھالىلار زىىچ ئولتۇراقلاشقان جايلار ئىدى.  

لېيتېنانت گېنېرال ئەھمەد شەرىف چاۋدرى ھۇجۇملاردا پۇقرالارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى ھەمدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردا ئارىسىدا شەرقىي ئەھمەدپۇردا 3 ياشلىق بىر قىز بالىنىڭ، پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىرنىڭ كوتلى رايونىدا 16 ياشلىق بىر قىز بالا ۋە 18 ياشلىق بىر ئوغۇل بالىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى. لاھور ئەتراپىدىكى مۇرىدكە شەھىرىدىمۇ بىر كىشى  ئۆلتۈرۈلدى. ئونلارچە كىشى يارىلاندى، ئىككى كىشى يوقاپ كەتتى. 

چاۋدرى گارنىزون شەھىرى راۋالپىندىدا تاڭ سەھەرگە يېقىن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «ھىندىستان ئارمىيەسى  ھەر خىل قوراللارنى ئىشلىتىپ ئالتە جايغا ئۇدا 24 قېتىم ھۇجۇم قىلدى» دېدى.

ئۇ، بىر جامەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ جايلارنىڭ پاكىستاننىڭ  ئىچىدە ۋە پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 

پاكىستان ھىندىستاننىڭ بۇ ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ھىندىستاننىڭ 5 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە نۇرغۇن قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. 

ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى