ئېستونىيە دائىرىلىرى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقارغۇچى «Threod Systems» شىركىتىگە ئوت قويۇش ئۇرۇنۇشى گۇمانى بىلەن كېچە سائەتلىرىدە سەككىز كىشىنى نازارەتكە ئالدى. ئەمەلدارلار بۇ ئۇرۇنۇشنىڭ رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئىستىخبارات ئورگىنى GRU (باش ئىستىخبارات ئىدارىسى) تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەكشەنبە كۈنى سەھەردە باش مىنىستىر كرىستېن مىخال X سۇپىسىدا ھەمبەھرىلىگەن باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئىستىخبارات ئورگىنى GRU نىڭ شەنبە كېچىسى ئېستونىيە مۇداپىئە شىركىتى Threod Systems غا قارىتا «بۇزغۇنچىلىق ئۇرۇنۇشى» بۇيرۇقى چۈشۈرگەنلىكىنى يېزىپ: «كۈچەيتىلگەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلارنىڭ تېز مۇداخىلىسى سايىسىدا زور كۆلەملىك زىياننىڭ ئالدى ئېلىندى. ھۇجۇمچىلار نازارەتكە ئېلىندى» دېگەن ئسۆزلەرنى ئىشلەتتى.
موسكۋا ئېستونىيەنىڭ ئەيىبلەشلىرى ياكى چېگرا ئۆتۈش ئېغىزلىرىنى تاقاش قارارى توغرىسىدا تېخىچە بايانات بەرمىدى. رۇسىيە ياۋروپالىق ئەمەلدارلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە چېتىشلىقى بار دېگەن ئەيىبلەشلىرىنى دائىم رەت قىلىپ كەلمەكتە.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارگۇس تساھكنا X ھېسابىدا: «رۇسىيە ئېستونىيەگە قارىتىلغان دۈشمەنلەرچە ھەرىكەتلەرنىڭ ئاقىۋىتى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشى كېرەك. قورقۇتۇش، مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ياكى خەۋپسىزلىكىمىزگە زىيان يەتكۈزۈش ئۇرۇنۇشلىرى جاۋابسىز قالمايدۇ» دېدى. تساھكنا يەنە مەزكۇر قارار توغرىسىدا فىنلاندىيە، لاتۋىيە ۋە لىتۋالىق مەنسەپداشلىرىنى خەۋەردار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. مىنىستىر چېگرا تاقاش قارارىنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقى ياكى ئاخىرلىشىش ۋاقتى بېكىتىلگەن-بېكىتىلمىگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلات بەرمىدى.
ئېستونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە-رادىيو ئورگىنى ERR نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى بولغان ھەمدە ئۇكرائىنانى كۈچلۈك قوللايدىغان ئېستونىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن نۆۋەتتە نارۋا، لۇھاما ۋە كويدۇلا قاتارلىق پىيادىلەر يۈك ئۆتۈشىگە ئوچۇق ئۈچ چېگرا ئېغىزى بار.





















