مايمۇن چېچىكىدىن مپوكسقىچە: كېسەللىك ئاتالغۇلىرىدىكى ئىرقچىلىقنىڭ قاراڭغۇ تارىخى

ئاممىۋى ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرى كېسەللىكلەرگە ئىسىم قويۇشتا تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا باشلىدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (د س ت) 2023-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا مپوكس ۋىرۇسىنىڭ ئۆلۈمگە سەۋەب بولىدىغان يېڭى بىر تۈرى سەۋەبىدىن دۇنيا مىقياسىدا جىددىي ھالەت جاكارلىدى. د س ت نىڭ باش دىرېكتورى تېدروس ئادخانوم گېبرېيېسۇس بۇ كېسەللىكنىڭ دېموكراتىك كونگو جۇمھۇرىيىتى ۋە قوشنا ئافرىقا دۆلەتلىرىدە بايقىلىپ، تېز سۈرئەتتە تارقىلىشىنى «ئىنتايىن ئەندىشىلىك» دەپ تەرىپلىدى.

كېسەللىك تۇنجى قېتىم جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتقاندا، ئالىملار ئۇنى «مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى» دەپ ئاتىغان. كېيىن، ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى ئاممىۋى ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بىلەن، د س ت بۇ يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ نامىنى «مپوكس» دەپ ئۆزگەرتتى.

شۇ مەزگىلدە، داڭلىق «لانسېت» تېببىي ژۇرنىلى: «نۇرغۇن مۈجمەل ۋە ئىلمىي مەسىلىلەر بىلەن بىللە، بۇ ۋابا يەنە جەمئىيىتىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق ئىللەتلىرىنى ئاشكارىلاپ قويدى. بۇلار: قارىلاش، ئىرقچىلىق ۋە كەمسىتىش قاتارلىقلاردۇر» دەپ يازدى.

تور مۇنبەرلىرىدە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ كېسەللىكنى «مايمۇنلارنىڭ كېسىلى» دەپ ئاتاپ، ئۇنى ئافرىقا خەلقى بىلەن باغلاپ، ئىرقچىلىق ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان باھالارنى بېرىشكە باشلىدى. «لانسېت» ژۇرنىلى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ: «ھەر قانداق قارىلاش ئېلىپ كېلىدىغان زىياننىڭ سىرتىدا، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر جەھەتتە مەلۇم گۇرۇپپىلارنى قارىلاش تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلىش كىشىلەرنى دىياگنوز قويدۇرۇش، ۋاكسىنا ئۇرۇش ۋە داۋالىنىشتىن قېچىشقا ئېلىپ بارىدۇ» دېدى.

كېسەللىكلەرگە ئىسىم قويۇش مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشماقتا. نۆۋەتتە مۇتەخەسسىسلەر كېسەللىكلەرگە جۇغراپىيەلىك ئورۇنلارنىڭ، مەلۇم مىللەت ياكى ئىرقلارنىڭ، شۇنداقلا كېسەللىك بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان ھايۋانلارنىڭ ئىسمىنى قويماسلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا. چۈنكى بۇنداق خاتا ئىسىم قويۇش كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارقىلىشى ھەققىدىكى چۈشەنچىلەردە ئېغىر خاتالىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

 

كېسەللىكلەرنىڭ ئىسىملىرى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟

 

«سلاتې» ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى راچېل ۋىتېرنىڭ مۇنداق بىر ئەمەلىي مىسالى بار: 1918-1920-يىللاردىكى H1N1 ۋاباسى ئەمەلىيەتتە ئامېرىكانىڭ كانزاس ئىشتاتىدا باش كۆتۈرگەن بولسىمۇ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن «ئىسپانىيە تۇمۇسى» دەپ ئاتالغان. گېرمانىيە، فىرانسىيە، بىرلەشمە پادىشاھلىق ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇرۇش مەزگىلىدە بۇ ۋابا ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى باستۇرۇپ، ئەھمىيەتسىز قىلىپ كۆرسەتكەن. ئەمما ئىسپانىيە شۋېتسارىيەگە ئوخشاشلا ئۇرۇشتا بىتەرەپ دۆلەت بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ۋابانىڭ خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئوچۇق خەۋەر قىلغان. نەتىجىدە، خەلقئارادا بۇ كېسەللىك ئىسپانىيەدىن تارقالغان دېگەن خاتا قاراش شەكىللەنگەن.

كېسەللىكلەرگە خاتا (ياكى نامۇۋاپىق) نام بېرىش تارىختا داۋاملىق يۈز بېرىپ كەلگەن. مەسىلەن، نۆۋەتتە «دوۋن سىندىرومى» ياكى «تىرىزومى 21» دەپ ئاتىلىدىغان تۇغما كېسەللىك، بۇرۇن «موڭغۇللۇق» دېگەن ئىرقچىلىق تۈسىدىكى ئىسىم بىلەن ئاتىلاتتى. كېيىنچە، گېنېتىكا مۇتەخەسسىسلىرى ۋە باشقا كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ كۆپ يىللىق تىرىشچانلىقى بىلەن، بۇ ئىرقچىلىق تۈسىدىكى ئاتالغۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئىلمىي ۋە بىتەرەپ ئاتالغۇ ئورنىتىلدى.

يېقىنقى يىللاردىكى تىپىك مىسال، 2020-يىلى كورونا ۋىرۇسى ۋاباسى مەزگىلىدە، شۇ ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بۇ ۋىرۇسنى «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتىشى ئەڭ كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىغانىدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى بەزى دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىمۇ «خىتاي تۇمۇسى»، «خىتاي كورونا ۋىرۇسى» ۋە «ۋۇخەن كورونا ۋىرۇسى» دېگەندەك ئىرقچىلىق ۋە يات دۆلەتلەرگە ئۆچمەنلىك تۈسىنى ئالغان ئاتالغۇلارنى قوللانغان. بۇ ئاتالغۇلارنىڭ نۇرغۇن تەنقىدكە ئۇچرىشىغا قارىماي، ترامپ ئۆز پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرۇۋالغان.

2020-يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئوكلاخومادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر چوڭ يىغىندا، ترامپ: «بۇ كېسەل خىتايدىن كەلگەن، مەن ئۇنى ‹خىتاي ۋىرۇسى› دېمەي، ‹كۇڭ فۇلۇ› دەپ ئاتىسام بولىدۇ. تارىختىكى باشقا كېسەللىكلەردىن پەرقلىق ھالدا، بۇ كېسەلگە 19 خىل ئوخشىمىغان ئىسىم قويۇشقا بولىدۇ» دەپ تېخىمۇ قوپال پوزىتسىيە بىلدۈرگەن.

نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر ترامپنىڭ بۇ خىل سۆز تاللىشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋابا كونتروللۇقىدىكى ئاجىزلىقىنى يوشۇرۇش، گۇناھنى باشقىلارغا ئارتىش مەقسىتىدە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئامېرىكادىكى كېلىپ چىقىشى ئاسىيالىق كىشىلەر نۇرغۇن كەمسىتىش ۋە زوراۋانلىققا ئۇچرىغان. Stop AAPI Hate تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، 2020-يىلى 19-مارتتىن 2021-يىلى ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا ئاسىيالىقلارغا 9000 قېتىمدىن ئارتۇق ھۇجۇم قىلىش ۋە كەمسىتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن.

بىر مەتبۇئات يىغىنىدا ترامپ: «مەن بۇ كېسەلنى خىتاي ۋىرۇسى دېدىم، چۈنكى ئۇ خىتايدىن كەلگەن. بۇ قەتئىي ئىرقچىلىق ئەمەس، مەن پەقەت ھەقىقەتنى ئېيتىۋاتىمەن» دەپ ئۆزىنى ئاقلىغان. ئەمما دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ كېسەللىكنى «كوۋىد-19» ياكى «SARS-CoV-2» دەپ ئاتاشنى بېكىتكەن بولۇپ، ترامپنىڭ باشقىچە ئاتاشتا چىڭ تۇرۇۋېلىشى خاتا، زىيانلىق ۋە سىياسىي مەقسەتلىك ئىدى. خەلقئارادا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئۇزۇندىن بۇيان جىددىي بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقئارالىق تەسىر كۈچى ئۈچۈن رىقابەتلىشىپ كەلمەكتە.

2022-يىلى دېكابىردا «لانسېت» تېببىي ژۇرنىلى بۇ مەسىلە ھەققىدە تەھرىر ماقالىسى ئېلان قىلىپ: «مەدەنىيەتلىك بىر جەمئىيەتتە ياشاش ئۈچۈن، بارلىق تەرەپلەر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە ئىرقچىلىق تۈسىنى ئالغان قىلمىشلارنى قەتئىي رەت قىلىشى كېرەك. كېسەللىكلەرگە بىتەرەپ ئىسىم قويۇش مۇھىم قەدەم، ئەمما ئىنسانلارنىڭ چۈشەنچىسى ۋە قىلمىشلىرىنى ئۆزگەرتمىگىچە، بۇ مەسىلە پۈتۈنلەي ھەل بولمايدۇ» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى.