سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ۋانس سەيشەنبە كۈنى ئىران سۆھبىتى دائىرىسىدە پاكىستانغا سەپەر قىلىدۇ
«Axios» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاق ساراي تېھراننىڭ ئىسلامئابادتىكى كېيىنكى نۆۋەتلىك مۇزاكىرىلەر ئۈچۈن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىدىغان – ئەۋەتمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق سىگنال بېرىشىنى كۈتمەكتە ئىكەن.
مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ۋانس سەيشەنبە كۈنى ئىران سۆھبىتى دائىرىسىدە پاكىستانغا سەپەر قىلىدۇ
مۇئاۋىن پرېزىدېنت ج.د. ۋانس ئىران بىلەن تىنچلىق سۆھبەتلىرى ئۈچۈن پاكىستانغا بارىدىغان بىر ھەيئەتكە باشچىلىق قىلىدۇ. (ئارخىپ سۈرىتى) / Reuters

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇئاۋىن پىرېزىدېنت ۋانس سەيشەنبە كۈنى ئىران مەسىلىسىگە دائىر سۆھبەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن پاكىستانغا بارىدۇ.

ئامېرىكا خەۋەر تور بېكىتى «Axios» دۈشەنبە كۈنى كېچىدە ئۈچ نەپەر ئامېرىكالىق مەنبەگە تايىنىپ تۇرۇپ، ۋانسنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئىران بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن ئىسلامئابادقا قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئاق ساراي دۈشەنبە كۈنى تېھراننىڭ مۇزاكىرىلەر ئۆمىكىنى ئىسلامئابادقا ئەۋەتىش-ئەۋەتمەسلىكىگە دائىر بىر ئىشارەت كۈتمەكتە ئىكەن. ۋاسىتىچىلەر ئىران دائىرىلىرىنى سۆھبەتكە قاتنىشىشقا ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشكە چاقىرغان. تېھران تەرەپ بولسا، تېخى ئىسلامئابادقا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشنى قارار قىلغان – قىلمىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق بايانات بەرمىگەن.

بۇنىڭ بىلەن بىرگە، پاكىستانلىق مەنبەلەر «New York Post» گېزىتىگە تېھراننىڭ «ئىككىنچى نۆۋەتلىك سۆھبەتكە قىزىقىۋاتقانلىقى»نى، ئەمما بۇ ھەقتە «تېخىچە بىر قارار ئېلىنمىغانلىقى»نى ئېيتقان.

ئاساسلىق كۈچ

«The New York Times»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ستېۋ ۋىت كوف، كۇشنېر ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك شەخسلەرنىڭ سۆھبەتلەرگە  قاتنىشىش ئېھتىمالى بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق كۈچى ۋانس ئىكەن.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتىغا ئامېرىكادا ئومۇمىيۈزلۈك قوللاشقا ئېرىشەلمەيۋاتقان ھەمدە يەر شارى ئىقتىسادى بىلەن مۇرەككەپ ئېنېرگىيە تەمىنلەش زەنجىرىگە داۋاملىق بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقان بىر ئۇرۇشتىن چىقىش يولىنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان.

بۇ دىپلوماتىك مەسئۇلىيەت تېھران بىلەن ئالاقە يوللىرىنى قايتىدىن ئېچىش تىرىشچانلىقلىرى باشلانغان، ئەمما نەتىجىسى چەكلىك بولغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.

پاكىستان 11-12-ئاپرېل كۈنلىرى تۇنجى قېتىملىق بىۋاسىتە يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتىگە ساھىبخانلىق قىلغانىدى؛ بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 1979-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئۈزۈلگەندىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن سۆھبەتلەر بۆسۈش ھاسىل قىلىنمايلا ئاخىرلاشقانىدى. يەكشەنبە كۈنى كېچىدە ئىسلامئابادتا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى؛ دائىرىلەر پۈتۈن شەھەر بويىچە قوشۇمچە ساقچى كۈچلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»