ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
سىنگاپور پەلەستىننى «پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىش» قا تەييار
سىنگاپور ۋەكىلى كېۋىن چېئوك ئىسرائىلىيەنى غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈشكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان بارلىق چەكلىمىلەرنى دەرھال بىكار قىلىشقا چاقىردى.
سىنگاپور پەلەستىننى «پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىش» قا تەييار
/ AA

سىنگاپور پەلەستىن دۆلىتىنى «پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىش» قا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ دۆلەتنىڭ ۋەكىلىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ قەدەم پەقەت تىنچلىق مۇساپىسىنى ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى نۇقتىئىينەزىرىنى كۈچەيتكەندىلا ئاندىن ئەھمىيەتلىك بولىدىكەن.

سىنگاپور تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاسيا-تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى كېۋىن چېئوك، سەيشەنبە كۈنى نىيۇ يورکتا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا بۇ باياناتنى ئېلان قىلدى.

سىنگاپور ۋەكىلى كېۋىن چېئوك باياناتىدا مۇنداق دېدى:

 «سىنگاپور بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارلىرىغا ئاساسەن، سۆھبەت ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئاساسىدا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز ۋەتىنىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى. بىز بۇ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان توقۇنۇشنى كەڭ كۆلەملىك، ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىدىغان بىردىنبىر يولنىڭمۇ مۇشۇ ئىكەنلىكىگە چىن دىلىمىزدىن ئىشىنىمىز. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز پەلەستىن دۆلىتىنى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېتىراپ قىلىشقا تەييارمىز.»

ئۇ يەنە، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىن سىنگاپورنىڭ غەززەنى قايتا قۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بىز ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنى جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى يەتكۈزۈشكە قويۇلغان بارلىق چەكلىمىلەرنى دەرھال بىكار قىلىشقا چاقىرىمىز. كەلگۈسىدە، غەززەدىن كېلىدىغان بىمارلارنى داۋالاشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن رايونغا بىر داۋالاش ئەترىتى ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. كەلگۈسىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنسا، غەززەنى قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە تۆھپە قوشۇشقا تەييارمىز.»

كېۋىن چېئوك ئىسرائىلىيەلىكلەر ۋە پەلەستىنلىكلەرنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىشقا چاقىردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار

 ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتلار

 

بۇ باياناتلار، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كېير ستارمېر ۋە كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنېينىڭ دۆلەتلىرىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ئۆتكەن ھەپتە ماكرون پارىژنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ بەدىلىگە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قورالسىزلىنىشنى قوبۇل قىلىشى ھەم ئىسرائىلىيەنى تولۇق ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

بۇ ھەپتە ستارمېرمۇ ئوخشاش شەكىلدە بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر ئىسرائىلىيە غەززەدىكى  ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختاتمىسا، ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىلگىرى، كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنېيمۇ ئوتتاۋانىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىغا بولغان ساداقىتىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، سېنتەبىردە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە بولسا بۇ پىلانلارنىڭ ھەممىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بۇنىڭ «ھاماسنى مۇكاپاتلاش» ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى