خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
دۇنيا بۈگۈننى يەر تەۋرەش خەۋەرلىرى بىلەن كۈتۈۋالدى
ۋېنېزۇئېلادا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق كۈچلۈك يەر تەۋرەشتىن كېيىن، دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىندى.
دۇنيا بۈگۈننى يەر تەۋرەش خەۋەرلىرى بىلەن كۈتۈۋالدى
دۇنيا بۈگۈننى يەر تەۋرەش خەۋەرلىرى بىلەن كۈتۈۋالدى / AP

 ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى رايوندا نۇرغۇن تالاپەت ۋە كەڭ كۆلەملىك ۋەيرانچىلىق يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ۋېنېزۇئېلا ۋە ياپونىيە شىددەتلىك يەر تەۋرەش بىلەن تەۋرەپ كەتتى، ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەش رايوندا دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە تەۋسىيەلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا سەۋەب بولدى.

ۋېنېزۇئېلادا 7.1 بال، ياپونىيەدە بولسا 6.9 بال يەر تەۋرىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەش تەخمىنەن 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا ۋە ساھىلدىكى مورون ئولتۇراق رايونىنىڭ غەربىي قىسمىدا يۈز بەرگەن.

شىددەتلىك يەر تەۋرەش پايتەخت كاراكاسقىمۇ قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئېگىز بىنالارنىڭ تەۋرىشى بىلەن شەھەر ئاھالىلىرى بىنالاردىن تاشقىرىغا چىقىپ كەتكەن.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى، ۋېنېزۇئېلادا كېيىنرەك 7 بالدىن چوڭ ئىككىنچى قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مەركەز ئىلگىرىكى تەخمىنىي مۆلچەرىنى يېڭىلاپ: «بۇ يەر تەۋرەش قوش تەۋرىنىشنىڭ ئىككىنچىسى ئىدى. 7.5 باللىق ئاساسىي يەر تەۋرەشتىن 39 سېكۇنت ئىلگىرى 7.2 باللىق ئالدىن بېشارەت بەرگۈچى يەر تەۋرەش يۈز بەردى» دەپ بايانات بەردى.

تىنچ ئوكيان دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇش مەركىزى، ۋېنېزۇئېلا ساھىللىرى بىلەن قوشنا ئارۇبا، بونايرې ۋە كۇراساۋ ئاراللىرى ئۈچۈن دېڭىز تاشقىنى تەھدىتى ئاگاھلاندۇرۇشىچىقاردى.

پورتو رىكو ۋە ئامېرىكا ۋىرگىن ئاراللىرى ئۈچۈن دېڭىز تاشقىنى تەۋسىيەسى يولغا قويۇلدى، دائىرىلەر ئادەتتىن تاشقىرى دولقۇن ھەرىكەتلىرىنى ئېنىقلاش مەقسىتىدە ساھىللاردىكى دېڭىز تاشقىنىنى ئۆلچەش ئىستانسىلىرىنى كۆزىتىشكە باشلىدى.

پۇقراۋى مۇداپىئە ئەترەتلىرى ئۇل ئەسلىھەلەردىكى زىياننى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يەر تەۋرەش مەركىزىگە يېقىن ۋە ئەڭ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان رايونلارغا ئەۋەتىلدى.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش مەركىزى، ۋېنېزۇئېلادا نۇرغۇن تالاپەت ۋە كەڭ كۆلەملىك ۋەيرانچىلىق يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ياپونىيەدە دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىلمىدى

ياپونىيەدە بولسا دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلىنمىدى. دائىرىلەر يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ ئىۋاتې ئۆلكىسى ساھىللىرىدا، تەخمىنەن 50 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئىكەنلىكىنى ۋە دېڭىز يۈزىدىكى ئازراق ئۆزگىرىشلەردىن باشقا، دېڭىز تاشقىنى مەنبەلىك زىيان كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يەر تەۋرەش ئائومورى ئۆلكىسىدە ياپونىيەنىڭ 0 دىن 7 گىچە بولغان يەر تەۋرەش كۈچى ئۆلچىمىگە ئاساسەن 6 تىن يۇقىرى دەرىجىدە ھېس قىلىندى. بۇ دەرىجىدە كىشىلەرنىڭ ئادەتتە ئۆرە تۇرۇشى ياكى ئۆمىلىمەي ھەرىكەت قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

توكوكۇ ئېلېكتر ئېنېرگىيە شىركىتى، يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئوناگاۋا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى بىلەن ۋەزىپە ئۆتىمەيدىغان ھىگاشىدورى يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدا ھېچقانداق نورمالسىزلىق بايقالمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

شەرقىي ياپونىيە تۆمۈر يولى شىركىتى، يەر تەۋرەشتىن كېيىن توكوكۇ شىنكانسېن تېز سۈرئەتلىك پويىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم پويىز قاتناشلىرىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دۇنيانىڭ گېئولوگىيەلىك جەھەتتىن ئەڭ ھەرىكەتچان رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان ياپونىيەدە يەر تەۋرەش پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. دۇنيا مىقياسىدا يۈز بېرىدىغان كۈچى 6 بال ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى يەر تەۋرەشلەرنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرى ياپونىيەدە يۈز بېرىدۇ.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى