ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ج.د. ۋانس، ۋاشىنگتوننىڭ ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە يېقىندا يۈز بەرگەن ھۇجۇمغا ھىندىستان قايتۇرىدىغان ئىنكاسنىڭ كەڭ كۆلەملىك رايون توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكانىڭ بۇنداق توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ۋانس فوكس خەۋەرلەر قانىلىنىڭ «برېت بايېر بىلەن مەخسۇس دوكلات» پىروگراممىسىدا مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئۈمىدىمىز شۇكى، ھىندىستاننىڭ بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قايتۇرىدىغان جاۋابى كەڭ كۆلەملىك رايون توقۇنۇشىغا سەۋەب بولمايدىغان شەكىلدە بولۇشى كېرەك».
ۋانس يەنە ۋاشىنگتوننىڭ، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن پاكىستاننىڭ ھىندىستان بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، بىز پاكىستاننىڭ – بۇ ۋەقەدە قايسى دەرىجىدە مەسئۇلىيىتى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر – ئۆز تېررىتورىيەسىدە پات-پات پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررورچىلارنىڭ قولغا ئېلىنىپ جازالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھىندىستان بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز بۇ ئىشلارنىڭ مۇشۇ يۆنىلىشتە كېتىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. ئەلۋەتتە، بىز يېقىندىن ئالاقىلىشىۋاتىمىز. نەتىجىسىنى كۆرىمىز».
جىددىيلىك كۈچەيمەكتە
بۇ بايانات، دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ شەرقتىكى قوشنىسى ھىندىستان بىلەن بولغان جىددىيلىك كۈچەيگەن بىر پەيتتە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ بىر كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىندى. رادىيو پاكىستاننىڭ پەيشەنبە كۈنى بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇرۇش مانېۋىرلىرى ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسى دائىرىسىدە زامانىۋى قوراللارنى ئەمەلىي ئىشلىتىپ كۆرسىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر بۇ مانېۋىرلاردا ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى نامايان قىلغان.
ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى. يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتى، قوراللىقلارنىڭ ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە 26 ساياھەتچىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئېغىر ھۇجۇمىدىن كېيىن، پاكىستاننى «چېگرا ھالقىغان تېررورلۇق» نى قوللاۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى. ئىسلامئاباد بولسا، بۇ ھۇجۇم بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، پاكىستاننى بۇ ھۇجۇمغا باغلاشقا ئۇرۇنۇشنى «ئاساسسىز» دەپ ئاتىدى ۋە ھىندىستاننىڭ ھەر قانداق تەۋەككۈلچىلىكىگە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) چارشەنبە كۈنى جەنۇبىي ئاسىيادىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە چاقىردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىمۇ ھەر ئىككى دۆلەتنى «ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە سوغۇققان بولۇش»قا ئۈندەپ، مەسىلىلەرنى «مەنىلىك دىيالوگ ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش» كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
كەشمىر مەسىلىسى
پاھالگام ھۇجۇمىدىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ بىر قاتار قارشى تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. ھىندىستان پاكىستان بىلەن بولغان مۇھىم سۇ ھەمبەھرىلەش كېلىشىمى – ئىندۇس سۇ كېلىشىمىنى توختاتتى ۋە ئوچۇق ھالەتتىكى بىردىنبىر قۇرۇقلۇق چېگرا ئېغىزىنى تاقىدى. يەكشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن پاكىستان پۇقرالىرىغا بېرىلگەن ۋىزالارنى بىكار قىلدى. پاكىستان بۇنىڭغا جاۋابەن ھىندىستان پۇقرالىرىغا بېرىلگەن ۋىزالارنى بىكار قىلدى، ھاۋا بوشلۇقىنى ھىندىستان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە تاقىدى، ھىندىستان بىلەن سودىنى توختاتتى ۋە ھىندىستان بىلەن ئىمزالانغان سىملا كېلىشىمىنى توختىتىپ قويدى. 1972-يىلدىكى بۇ كېلىشىم، بولۇپمۇ كەشمىر مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، تىنچلىق ئورنىتىش ۋە كېلىشمەسلىكلەرنى ئىككى تەرەپلىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشنى مەزمۇن قىلاتتى.
ھىندىستان بىلەن پاكىستان 1947-يىلى ئەنگلىيەدىن مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، بۇرۇنقى بەگلىك زېمىنى بولغان كەشمىر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان؛ بۇ سەۋەبتىن سىزىلغان چېگرا نۇرغۇن ئائىلىلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتكەن. ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى رايوندا 1989-يىلدىن بۇيان، قوزغىلاڭچىلار مۇستەقىللىق ياكى پاكىستانغا قوشۇلۇش تەلىپى بىلەن قوراللىق كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە.
يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتى كۆپىنچىسى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرگە تەخمىنەن 500 مىڭ ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغان. يېقىنقى ھەپتىلەردە، مودى ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى، نەشرىياتلىرى ۋە مەكتەپلىرىگە قارشى بېسىمىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ قەدەم رايوندا نارازىلىق قوزغىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە كەشمىرلىك ئەمەسلەرگە 82 مىڭ دانە ياشاش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەرگەن، بۇ ئەھۋال رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش بولۇۋاتامدۇ، دېگەن ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلغان.
پاھالگام ھۇجۇمىدىن كېيىن، ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە 1500 دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىندى. بۇ جەرياندا، ھىندىستاننىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە، كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچى بولغان كەشمىرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ھىندى مىللەتچى گۇرۇھلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالدى.










