تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
خاقان فىدان: «تۈركىيە غەززەدە تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار
قاتاردىكى دوھا مۇنبىرىدە سۆز قىلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان غەززەدە خەلقئارالىق تىچلىقنى ساقلاش قوشۇنى تۇرغۇزۇش ھەققىدە سۆھبەتلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
خاقان فىدان: «تۈركىيە غەززەدە تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار
خاقان فىدان: «تۈركىيە، غەززە تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار» / Anadolu Agency

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان شەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ غەززەدىكى داۋام قىلىۋاتقان تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن «نېمە قىلىش كېرەك بولسا شۇنى قىلىشقا» تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

خاقان فىدان بۇ سۆزلەرنى، قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن 23-نۆۋەتلىك دوھا مۇنبىرى جەريانىدا، ئەنقەرەنىڭ غەززەگە ئەسكەر ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتقان ياكى ئويلاشمايۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋابەن قىلدى.

غەززەدا بىر غەززەدە خەلقئارالىق تىچلىقنى ساقلاش قوشۇنى (ISF) قۇرۇلۇشى توغرىسىدا كەڭ كۆلەملىك سۆھبەتلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن فىدان، قوشۇننىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى، ۋەزىپىسىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقى ۋە قايسى قائىدىلەر ئاستىدا پائالىيەت قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەتراپلىق ئانالىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

فىدان خەلقئارالىق تىچلىقنى ساقلاش قوشۇنىنىڭ ۋەزىپىسى مەسىلىسىدە رېئالىست بولۇش ۋە ئۈمىدلەرنى تۇرغۇزغاندا ئىنچىكە نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى، نەق مەيداندا بەلگىلىك رېئاللىقلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Negotiations on International Stabilisation Force in Gaza are underway, Turkish FM says

ئالدىنقى ۋەزىپە: ئىسرائىلىيەلىكلەر ۋە پەلەستىنلىكلەرنى ئايرىش

فىدان: «مېنىڭچە تۇنجى نىشان، خەلقئارالىق تىچلىقنى ساقلاش قوشۇنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ چېگرا لىنىيەسىنى بىر-بىرىدىن ئايرىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى بولۇشى كېرەك» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

خەلقئارالىق تىچلىقنى ساقلاش قوشۇنىنىڭ ئۈنۈملۈك بولالىشى ئۈچۈن بىر ساقچى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەربىيەلىنىشى شۇنداقلا بىر تىنچلىق كومىتېتى تەشكىللەش ئۈچۈن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنىمۇ ئېيتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇنغا قايسى دۆلەتلەرنىڭ تۆھپە قوشىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى، ئەمما خەلقئارالىق تىچلىقنى ساقلاش قوشۇنى ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن جەرياننىڭ باسقۇچلۇق ھالدا شەكىللىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

فىدان يەنە ئەنقەرەنىڭ سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدىن كېيىن ئوچۇق ئىشىك سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ سىياسەتنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك مەقسەتلەرگە خىزمەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىر فىدان سۈرىيەدە مۇقىملىقنىڭ ئىشقا ئېشىشى ئۈچۈن خەلقئارا ھەمكارلىققا ئېھتىياج بارلىقىنىمۇ سۆزىگە قوشۇمچە قىلدى.

 

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye to resume peace efforts in Ukraine, Gaza and Sudan: Erdogan

تۈركىيە، ئامېرىكانىڭ مۇرەسسەچىلىك تىرىشچانلىقلىرى بىلەن ماسلاشماقتا

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ مۇرەسسەچىلىك ۋە تىنچلىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن قىلىشقا تىرىشىۋاتقان ئىشىنىڭ تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتلىرى بىلەن ماسلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن فىدان، ئەنقەرەنىڭ ئۇكرائىنا ۋە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا ئېرىشىش ئارزۇسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدىمۇ توختالغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ياۋروپانىڭ «تېخىمۇ چىداملىق بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ئىجادچان ھەل قىلىش چارىلىرىگە» ئېھتىياجى بارلىقىنى ئېيتتى.

فىدان: «مېنىڭچە بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ بىردىنبىر رېئالىست يولى، تەرەپلەرنى ئىشەنچ بىلەن ۋە كېرەك بولغاندا مەجبۇرلاش ئارقىلىق تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە يېتەكلەشتۇر. دەرۋەقە سۆھبەتلەر ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا» دېدى.

فىدان: «ياۋروپانىڭ رۇسىيەگە ئىشەنمەسلىك ئۈچۈن نۇرغۇن سەۋەبى بار؛ شۇنىڭدەك رۇسىيەنىڭمۇ ھېچكىمگە ئىشەنمەسلىك ئۈچۈن نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان شەنبە كۈنى مۇنبەردىكى يىغىن ئارىلىقلىرىدا قاتار باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئەل سانى بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

فىداننىڭ ئەل سانى بىلەن ئۆتكۈزگەن  سۆھبىتى ھەققىدە ھېچقانداق تەپسىلات بېرىلمىدى.

دوھادا جەم بولغان دۇنيا رەھبەرلىرى، دىپلوماتلار ۋە سىياسەت مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «ئادالەت ھەرىكەتكە ئۆتمەكتە: ۋەدىلەردىن ئىلگىرىلەشكە» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى كۈنلۈك مۇنبەر يىغىنىغا فىدان قاتناشقان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Russia-Ukraine peace deal will shape Europe's future, not merely end war: Türkiye's Fidan
ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»