تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
پۇتىن تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا سۆھبەتلىرىدىكى رولى ۋە ئەردوغان بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ماختىدى
پۇتىن ئەنقەرەنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىگە چارە تېپىش يولىدىكى «ئالاھىدە رولى»نى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا ۋە كاۋكازىيەدىكى ھەمكارلىققا «مۇستەھكەم، ئەمەلىي ۋە نەتىجىلىك» دەپ باھا بەردى.
پۇتىن تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا سۆھبەتلىرىدىكى رولى ۋە ئەردوغان بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ماختىدى
Путин تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى رولىغا رەھمەت ئېيتىپ، پرېزىدېنت ئەردوغان بىلەن رايونلۇق ھەمكارلىقنى مەدھىيىلەپ ئۆتتى / AA
2025-يىلى9-ئاينىڭ1-كۈنى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (ش ھ ت) يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى دائىرىسىدە خىتاينىڭ پورت شەھىرى تيەنجىندە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى. پۇتىن تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىكى ۋاسىتىچىلىك تىرىشچانلىقلىرىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى ۋە ئەنقەرەنىڭ چارە تېپىش ئىشلىرىدا «ئالاھىدە رول» ئويناشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

پۇتىن رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ماي ئېيىدىن بېرى ئىستانبۇلدا ئۈچ قېتىملىق بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ سۆھبەتلەرنىڭ تەرەپلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىلىرىدە ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە شارائىت ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پۇتىن ئەنقەرەنىڭ بۇ جەرياندا دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە زېمىن ھازىرلاش يولىدا ئۈنۈملۈك رول ئوينىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ ھەم «مۇھىم» ھەم «زۆرۈر» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيە رەھبىرى، ئەردوغان بىلەن ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا ۋە كاۋكازىيە قاتارلىق ھەر قايسى رايونلۇق مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ «مۇستەھكەم، ئەمەلىي، ئۆزئارا مەنپەئەتلىك ۋە ئىشەنچكە تايانغان» بىر خىل خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پۇتىن قەرەللىك ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان رەھبەرلەر دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلارنىڭ ئىجابىي ۋە ئۆزئارا ھۆرمەتكە ئاساسلانغان دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشقا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ياخشى قوشنىدارچىلىق پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پۇتىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقىنىمۇ تەكىتلىدى. ئۇ ئۆتكەن يىلى ئىككى تەرەپلىك سودىنىڭ %6.6 ئاشقانلىقىنى، 2025-يىلىنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا يەنە %3 ئاشقانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ مېتاللۇرگىيە ۋە ئاپتوموبىل ساھەلىرىدە پائال ئىكەنلىكىنى، تۈرك شىركەتلىرىنىڭ بولسا رۇسىيەدە ماشىنىسازلىق، ياغاچ پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە مېتاللۇرگىيە ساھەلىرىدە كۆرۈنەرلىك ئورۇن تۇتۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە موسكۋادا ئىيۇن ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېت يىغىنىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى «ھەقىقىي مەنىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق» دەپ تەرىپلىگەن پۇتىن، «كۆك ئېقىم» ۋە «تۈرك ئېقىمى» تۇرۇبا لىنىيەلىرى ئارقىلىق تەبىئىي گاز يەتكۈزۈشنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە رۇسىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق تەمىنلىگۈچىلىرىدىن بىرى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ «روسئاتوم» شىركىتى تەرىپىدىن سېلىنىۋاتقان «ئاققۇيۇ» يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىمۇ تىلغا ئالدى ۋە بۇ تۈرنى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ «باشلامچى تۈرى» دەپ ئاتاش ئارقىلىق، شېرىكلىكنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كرېمىل سارىيى رەسمىي سۆھبەتتىن ئىلگىرى رۇسىيە ۋە تۈركىيە ھەيئەتلىرىنىڭ بىر-بىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالغان كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلدى. كۆرۈنۈشلەردە، «روسئاتوم» شىركىتىنىڭ باشلىقى ئالېكسېي لىخاچېۋ ۋە رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرى سېرگېي تىسۋىلېۋ قاتارلىقلارنىڭ، ئېنېرگىيە مىنىستىرى ئالپئارسلان بايراقتارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرك مەنسەپداشلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ ۋە قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەن ھالەتلىرى ئورۇن ئالدى.

پۇتىن موسكۋا بىلەن ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ئىشەنچنىڭ مۇھىملىقىنىمۇ تەكىتلەپ، ھەمكارلىقنىڭ ئىككى تەرەپلىك مەسىلىلەردىن ھالقىپ، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا قاتارلىق رايونلاردىكى مەيدانلىرىنى ماسلاشتۇرۇشنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى
ئەردوغان بىلەن ئىتالىيە باش مىنىستىرى مېلونى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران پىرېزىدېنتى تەسلىم بولمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى، قوشنا دۆلەتلەردىن ئەپۇ سورىدى
ئەزەربەيجان ئۇچقۇ ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئىراندىكى دىپلوماتىك ئورۇنلىرىنى تاقىدى
رۇسىيەنىڭ خاركىۋدىكى ئولتۇراق بىناغا قىلغان ھۇجۇمىدا نۇرغۇن كىشىلەر جېنىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئامېرىكانىڭ قورال-ياراغ ئىشلەپچىقىرىشىنى تۆت ھەسسە كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى كەمچىلمۇ؟
تۈركىيە ماللىرى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن» بەلگىسىنى ئالىدۇ
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ترامپنىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇش ھوقۇقىنى چەكلەش تەشەببۇسىنى رەت قىلدى
ئىسپانىيە ترامپقا مۇراجىئەت قىلىشنىڭ پۈتۈنلەي پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ئەتراپى رايونلىرىنى يەنە بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى
ترامپ: ئىران ئۇرۇشىدا تېخىچە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلىشىپ باقمىدۇق
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننىڭ ئۈچ دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى توسۇپ قالغان
ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئەزەربەيجاننىڭ ناخچىۋان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى